يۈننەندىكى مېھمانخانا خادىملىرى: «ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.05.13
xitay-mehmanxana-xadimi.jpg خىتاي ئۆلكىسىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياتاق ئېچىپ بەرمىگەن خىتاي خادىم.
Social Media


يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان «ئۇيغۇر خادىملارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» تارقالدى. جەدۋەلنىڭ توردىكى فوتو نۇسخىسىدا شۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا مېھمانخانىلاردا ياتاق بەرمەسلىك ئۇقتۇرۇشى تارقاتقانلىقى ۋە مېھمانخانىغا كەلگەن ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى چوقۇم تىزىملاپ ئاندىن ياتاق بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر جەدۋەلدە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى ئالاقە ئۇچۇرلىرى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى، خىزمەت ئەھۋالى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر بويىچە ئون نەچچە خىل ئۇچۇرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

جەدۋەل ئاستىدىكى ئىزاھاتتا يەنە مېھمانخانىلارغا كەلگەن كىشىنىڭ مەيلى قايسى ئۆلكىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر بولسىلا چوقۇم تولدۇرۇش كېرەكلىكى، ئۇيغۇر خادىملارنىڭ ئىستېمال ئەھۋالى تولدۇرۇلۇشى ۋە جەدۋەل ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مېھمانخانىغا چۈشۈشتە قىينىلىش، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرگە، ھەتتا ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلىش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ناھەقچىلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تورداشلار، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئاشكارا ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئۈندىدارغا يوللانغا بىر ئۇچۇردا ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەكبەر مەمەتنىڭ خاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقالغان. ئۇچقۇچى ئەكبەر ئەينى چاغدا ئۈندىدارغا يوللىغان نارازىلىق ئىنكاسىدا خىتايدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولغان ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە بارغىنىدا شۇ يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇ كۈنكى تەكشۈرۈشتە ساقچىلارنىڭ قوپاللىقى ۋە ھۆرمەتسىزلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان ئەھۋاللار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى كۈنمىڭ جۈنلەي مېھمانخانىسى، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى نەنياۋ مېھمان سارىيى، كۈنمىڭ جىنجاڭ مېھمانخانىسى قاتارلارغا تېلېفون قىلدۇق.

مېھمانخانا خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىزدىن، كۈنمىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى مېھمانخانىلاردا ئۇيغۇرلار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشنى خالىمىغان مېھمانخانىلارنىڭ مېھمانخانىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار مەلۇم بولدى.

كۈنمىڭ جۈنلەي مېھمانخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال مۇلازىمەتچى، دەسلەپ قايسى كۈنلىرىدىكى ياتاقنى زاكاز قىلىدىغانلىقىمىزنى سوراپ، مېھمانخانىدا ياتاق بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياتاقنىڭ ھەر كۈنلۈك باھاسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن «شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بېرىلەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېسىپلا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇلازىمەتچى: سىز قايسى كۈنىدىكى ياتاقنى زاكاز قىلماقچى، بىر كۈنلۈك ياتاق ھەققى خەلق پۇلىغا 168 يۈەن.
مۇخبىر: يەنە بىر سوئالىم بار ئىدى، سىلەرنىڭ مېھمانخاناڭلار شىنجاڭلىقلارغا قولايلىقمۇ؟
مۇلازىمەتچى: سىزنىڭ مىللىتىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
مۇخبىر: مىللەت تەركىبىمۇ، مەن ئۇيغۇر.
مۇلازىمەتچى: ھە مۇنداق دەڭ، ئەگەر ساقچىخانىسىنىڭ ئىسپات قەغىزى بولسا ياتاق بېرەلەيمىز.
مۇخبىر: قايسى ساقچىخانىنىڭ ئىسپات قەغىزىنى دەيسىز؟
مۇلازىمەتچى: سىز تۇرىدىغان جايدىكى ساقچىخانىنىڭ ئىسپات قەغىزىنى دەۋاتىمەن.
مۇخبىر: شىنجاڭ تەرەپنىڭ ئىسپات قەغىزى شۇنداقمۇ؟
مۇلازىمەتچى: توغرا شۇنداق دېمەكچى ئىدىم.
مۇخبىر: باشقا مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇنداق چەكلىمىلەر بارمۇ؟
مۇلازىمەتچى: قانداق مىللەت؟
مۇخبىر: مەسىلەن خىتايلارنى دەيمەن. يەنى شىنجاڭدىن كەلگەن خىتايلارغىمۇ شۇنداق تەلەپ بارمۇ؟
مۇلازىمەتچى: بۇ يەرگە كەلمەكچى بولغان ئادەم خىتايمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟
مۇخبىر: مەن تېلېفوننى چەتئەلدىن قىلىۋاتىمەن، ئەھۋال ئىگىلەي دېگەن ئىدىم. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى.
مۇلازىمەتچى: بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ياتاق ئالالمايدۇ، چوقۇم ساقچىخانىنىڭ ئىسپات قەغىزى بولۇشى كېرەك.
مۇخبىر: نېمىشقا بۇنداق بەلگىلىمە بار؟ ئىزاھات بېرەلەمسىز؟
مۇلازىمەتچى: بىزنىڭ بۇ يەردە مۇشۇنداق.
مۇخبىر: باشقا ئىزاھات يوق شۇنداقمۇ؟
مۇلازىمەتچى: شۇنداق، توغرا دېدىڭىز.
مۇخبىر: ئاڭلىشىمچە، يەرلىك ساقچىخانىلار تارقاتقان جەدۋەل بار ئىكەن، جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن مېھمانخانىدا ياتاق بېرىلىدىكەن، شۇنداقمۇ؟
مۇلازىمەتچى: شۇنداق، جەدۋەل تولدۇرسىمۇ، چوقۇم ساقچىخانىنىڭ قەغىزى بولۇشى شەرت، چۈنكى بىز ئۆزىمىز بۇ ئىشقا قارار بېرەلمەيمىز. شۇڭا مېھمانخانىدا ياتاق ئالماقچى بولغانلار ئاۋۋال بۇ يەردىكى ساقچىخانا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشى ياكى ئۆز يۇرتىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئىسپات قەغىزىنى ئېلىشى كېرەك.
مۇخبىر: ئەگەر يېرىم كېچىدە كۈنمىڭغا يېتىپ بارسىمۇ، ئاۋۋال ساقچىخانىنى ئىزدەش كېرەكمۇ؟ بۇ بەكلا ئاۋارىچىلىك ئەمەسمۇ؟
مۇلازىمەتچى: ئۇنداقتا باشقا مېھمانخانىلارغا بېرىڭ. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق كەچۈرىسىز.
مۇخبىر: ھەممە مېھمانخانىلاردا ئوخشاش بەلگىلىمە بارمۇ؟ ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەكىتلىنىۋاتىدىغۇ؟ نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدۇ؟ نېمىشقا بۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى؟ بۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىمۇ؟
مۇلازىمەتچى: بۇ بۇيرۇقنى ئەلۋەتتە مېھمانخانىمىز چىقارمىغان، سىز ئۆزىڭىز باشقا مېھمانخانىلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. كەچۈرۈڭ.

بۇ مۇلازىمەتچى خادىم نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، باشقا مېھمانخانىلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

كۈنمىڭ نەنياۋ مېھمان سارىيى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا ئەڭ يېقىن مېھمانخانا بولۇپ، 2014 - يىلى 1 - مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

مەزكۇر مېھمانخانىغا ئۇرغان تېلېفونىمىزنى ئالغان مۇلازىمەتچى قىز يۇقىرىنىڭ كۈنمىڭدىكى ئادەتتىكى مېھمانخانىلاردا ئۇيغۇرلارنى ياتقۇزماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇشى بارلىقىنى، مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈنمىڭدىكى يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ بېقىشىمىزنى ئېيتتى.

ئەمما كۈنمىڭدىكى يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارغا قىلغان تېلېفونىمىزدىمۇ، «ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدۇ» دېگەن ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتۇق.

كۈنمىڭ جىنجاڭ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، مېھمانخانىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى مېھمانخانا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، مۇلازىمەتچى خادىم مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ 4 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاندىن ئۇنىڭدىن مېھمانخانىدا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلەمدۇ دەپ سورىغىنىمىزدا بولسا، بۇ مۇلازىم خادىم ناھايىتى بىئاراملىق ئىچىدە مېھمانخانىدا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزرە ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن «قولىدا چەتئەل پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ چەتئەل پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ پەقەت بىر مۇلازىمەتچى ئىكەنلىكىنى تەكرار تەكىتلەپ، كونكرېت ئەھۋاللارنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كۈندۈزى مېھمانخانا باشلىقلىرى ياكى ساقچىخانىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قايتا - قايتا ئۆزرە ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز بۈگۈن زىيارەت قىلغان مېھمانخانىلار پەقەت خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدىكى بىرقانچە مېھمانخانا. ئەمما خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلەر نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلىۋاتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان رېئال ئەھۋال دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.