چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قوزغىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى تۈركىيەدە جىددىي كېڭەيمەكتە
2019.02.21
تونۇلغان سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، 9-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خىتاينىڭ 21-ئەسىردە مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ، بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئابدۇرېھىم ھېيت سۆزلىتىلگەن 25 سېكۇنتلۇق سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى ھەمدە تۈركىيەنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ ۋەقە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قوزغىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە تارتماقتا. مەزكۇر پائالىيەت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدە جىددىي كېڭەيمەكتە.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركلەرمۇ ئاۋاز قوشماقتا ئىكەن.
ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشماقتا.
تۈركىيەدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇرەھىم ھېيتتىن كېيىن، داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىتتىنمۇ خەۋەر يوقلىغىنى، بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى چىققاندىن كېيىن تۈركىيە بىر بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئاڭلىشىچە، 110 كۈندىن بۇيان داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىت تۇتۇپ تۇرۇلۇۋېتىپتۇ. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى سەنئەتكار، كارخانىچى ۋە ياكى ئاۋام خەلق دېمەي تۇتقۇن قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئارىغا چۈشۈپ، بۇ زۇلۇمنى توسۇشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ داۋاملىق ھالدا خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. بىز ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادىل مىجىت مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىمىز.»
«مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ئارقىلىق تۈركىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ تەسىرلىك ئاڭلىتىپ جامائەت پىكرى توپلاشقا تىرىشىۋاتقان، ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش كارۋانىغا قاتناشقان لوقمان ئابدۇللاھ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
لوقمان ئابدۇللاھ ئەپەندى «كارۋان گۇرۇپپىسى» نىڭ ھازىر تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسمىدىكى ئادانا، مەرسىن ۋە ئوسمانىيە شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىكى نۇرغۇن تۈركلەرنىڭمۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىن تۈركىيەگە، ئىراندىكى تۈركلەرگە ۋە ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە تۈركچە ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان «ھاراي رادىيوسى» نىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان فاتما چېڭگىز خانىممۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقان. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تونۇلغان سەنئەتكار ئابدۇرەھىم ھېيت بىلەن كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىتنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە قاتناشقان.
فاتما جېڭگىز خانىم ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاۋاز قوشۇشۇمدىكى سەۋەب بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقتىن بولدى. مەن بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى بىلىمەن. ئىسلام دىنىدا بىر زۇلۇمنى توختىتىشقا كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇنى دۇنياغا ئاڭلات دېگەن بىر سۆز بار. شۇڭا مەن بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ۋەزىپەم دەپ بىلىمەن. مەن پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىراقتىكى كەركۈك ۋە مۇسۇل ۋە شۇنداقلا قىرىم ۋە خوجائالى قاتارلىق جايلارنىڭ زۇۋانى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شەرقىي تۈركىستاندۇر.»
ئۇ بايانىدا 8-فېۋرال كۈنى تۈرك دۇنياسىنىڭ تونۇلغان ناخشىچىسى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەدە خىتايغا قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇنى كۆرگەن خىتاينىڭ 10-فېۋرال كۈنى ئابدۇررېھىم ھېيتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىتكە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رەسىمىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئابدۇرەھىم ھېيت مەسىلىسىدە تۈركىيە سۈكۈتنى بۇزغاچقا خىتاي ئۇنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تارقىتىشقا مەجبۇر بولدى. ھازىر نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈرمىدە ياكى جازا لاگېرلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان كىنو-تىياتېر ئارتىسى ئادىل مىجىتمۇ بار. ئەگەردە بىز 110 كۈندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادىل مىجىتقىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋالساق، ئەتە-ئۆگۈن ئۇنىڭمۇ ئۆلۈم خەۋىرى چىقىشى مۇمكىن. مەن بېسىۋېلىنغان تۈرك زېمىنلىرىنىڭ پۇقراسىمەن، شۇڭا ‹مەنمۇ ئۇيغۇر›.»
تۈركىيە دۇنيادا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان تېمىلاردىن بىرى ئىكەن.