فىرقەت جەۋدەت: «مەقسىتىمىز لاگېردىكىلەر سان ئەمەس بەلكى ئىنسان ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.02.25
Firqet-jewdet-guwahliq-menmu-uyghur.jpg «كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى» نىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق فىرقەت جەۋدەت(ئوڭدا) دادىسى جەۋدەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 24-فېۋرال.
Photo: RFA

24-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوخشاش كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر پائالىيەت ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق فىرقەت جەۋدەت، ئارافات ئەركىن قاتارلىق ياشلارنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ۋۇجۇدقا چىققان. ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەت رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى» ئۇيۇشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

فىرقەت جەۋدەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قېتىملىق ئورتاق گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق لاگېردا تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ كىملىكى ۋە قاچان تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىدەك كونكرېت ئۇچۇرلارنى يىغىش، يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ يېقىنلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ جەلپ قىلىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان.

فىرقەت جەۋدەت «بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىگە ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقىگە تۇتۇلۇپ كەتكەن 2 مىليون كىشى پەقەتلا بىر رەقەم ئەمەس، ئۇلار بىر ستاتىستىكا ئەمەس. ئۇلار بىر ئىنسان. ئۇلار سىز ۋە بىزگە ئوخشاش بىر دادا، بىر ئانا ۋە ياكى بىر پەرزەنت، دېگەننى ئۇقتۇرماقچى بولدۇق. ئاشۇ لاگېردىكىلەر بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدە بىر باغلىنىش ھاسىل قىلىشنى كۆزلىدۇق» دېدى.

فىنلاندىيەدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى خالمۇرات ئەپەندىمۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېقىنلىرىنىڭ رەسىمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراشقا تەشكىللىگەن ئىدى. مەزكۇر ھەرىكەت CNN ۋە BBC قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ خەۋەر قىلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندىمۇ تىۋىتتىر تورىدىكى ئىنكاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر «مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس خانىم بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ تەسىر قوزغىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇنىڭ «نومۇرلارغا ھايات بەرگەنلىكىدە» دەپ كۆرسەتتى. روشەن خانىم يەكشەنبە كۈنىدىكى پائالىيەتكە ياشلارنىڭ تەكلىپى بىلەن قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنىدىكى «كوللېكتىپ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى» ئارقىلىق يىغىلغان سىنلىق ئىسپاتلار، لاگېردىكىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلار يىغىلىپ رەتلەنگەندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر كومىتېتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىلىرىغا تاپشۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر پائالىيەتكە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، BBC قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ،

فىرقەت جەۋدەت پائالىيەتنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يەتكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى يەنىمۇ كۆپلەپ تەشكىللەش ھەققىدە پىلانلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.