تۈركىيە ھىجرەت سەپىرى جەريانىدا ئېرىدىن ئايرىلىپ تۇل قېلىشقا، پەرزەنتلىرىنى يالغۇز بېقىشقا، چارىسىز كۈنلەرنى يالغۇز ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئىستانبۇلدىكى مۇساپىر ئۇيغۇر ئاياللار ئاساسلىقى ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمدە بۇ ئۇيغۇر مۇساپىر ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرى، ھاياتى كاپالەتلىرىنىڭ ھەل بولۇش يولىدا مېڭىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھامىد كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىر ئاياللارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرى ھەل بولمىغان شارائىتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھاياتى كاپالىتى ئۈچۈن مەخسۇس تەدبىر ياكى سىياسەت چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈردىكى ياردەملەرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەير ساخاۋەت تەشكىلات ھەمدە فوندىلىرىغا ھاۋالە قىلىش يولى ئارقىلىق ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ شۇنداقلا بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ تۇرالغۇ ھەمدە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ياردەم بېرىۋاتقاندىن باشقا، ئۇيغۇر تاپاۋەتچى قېرىنداشلارنىڭمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھامىد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا ھەل بولۇشى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنى رەسمىي نېگىزلىك مەسىلە سۈپىتىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرىم بىر كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئورتاقلىشىپ بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىجرەت نىشانى تۈركىيەگە ئوڭۇشلۇق كېلىۋالغان بولسىمۇ، ئائىلىسى پۈتۈنلەنمىگەنلىكى، رەسمىيەتلىرى بېجىرىلمىگەنلىكى، ھاياتى تېخى مۇكەممەل كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك 90% تىن ئارتۇقىنى يالغۇز ئانىلار ۋە بالىلار ئىگىلىگەن. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر بەدەللەر تۆلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇنەۋۋەر خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش ۋە زۇلۇملىرىدىن قېچىپ مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بولغان، كۆپچىلىكىنى تۇل ئاياللار ۋە يېتىم بالىلار تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىنىڭ پەقەت تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالماي، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ سانىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇنەۋۋەر خانىم يەنە، تۈركىيەدە ھەر جەھەتتىن قۇتقۇزۇشقا موھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ «ئۇيغۇر تۇل ئانىلار ۋە ئاياللار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك ئېھتىياجىغا قاراپ دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك دەپ قەدەم-باسقۇچقا بۆلۈپ پىلان تۈزۈپ ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن پىكىردە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن، ئاياللارنىڭ داۋالىنىش، بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئىش ئىمكانى ۋە تۇرالغۇ مەسىلىلىرى شۇنداقلا تۇل ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئالدىن مۇھىم ئورۇندا قويۇپ ھەل قىلىش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.