ئۇيغۇر مۇساپىرلار: زۇلۇم تۈپەيلى ھايات قېلىش ئۈچۈن قاچتۇق (3-قىسىم)

0:00 / 0:00

2014-يىلى مارتتىن بۇيان تايلاندقا قامىلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن 173 نەپىرى بۇ يىل ئىيۇلدا تۈركىيەگە ئامان-ئېسەن دەسسىگەن ئىدى.

بۇلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تازا ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە خىتاي 109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىپ ئۇلارنى «سۈرىيەگە چىقىپ ئىسلام دۆلىتىگە قېتىلماقچى بولغان جىھادچىلار» دەپ خەۋەر قىلغان.

ئۇنداقتا تايلاندتىن تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار زادى نېمە سەۋەبتىن خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان؟

بۇنى يەنىلا شۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش تېخىمۇ ئەۋزەل بولسا كېرەك.

يېقىنىدا كانادادىكى مۇخبىرىمىز رۇقىيە تۇردۇش تۈركىيەگە بېرىپ ئىستانبۇلدا پاناھلانغان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغۇچى نۇرسىدىق ئەپەندى خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمى تۈپەيلى خىتايدىن قېچىش سەپىرىگە ئاتلانغانلىقى ۋە خىتايدا كۆرگەن زۇلۇملىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ 3-قىسمىنى ئاڭلايسىلەر.