جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش چاقىرىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى لەرزىگە كەلتۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.10.26
dolqun-eysa-jenwe-uyghur-mesilisi.JPG ب د ت يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. 2014-يىلى ماي، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سەپەرۋەرلىكى بىلەن بۇ يىل 27-ئاپرېل كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق نامايىش ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

د ئۇ ق بۇ يىل 6-نويابىر كۈنى ب د ت دا باشلىنىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۋەدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق نامايىشى چاقىرىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان بۇ نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان چاقىرىقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. 

چاقىرىق ئېلان قىلغۇچىلار ئارىسىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بار. ئۇ ئۆز چاقىرىقىدا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتاي دەل كىشىلىك ھوقۇق بويىچە سوئال-سوراققا تارتىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئىمكانىيىتى يار بەرگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى جەنۋەگە جەم بولۇشقا دەۋەت قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە خانىممۇ د ئۇ ق نىڭ بۇ چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغۇچى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارغا ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان چاقىرىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىملىق جەنۋە نامايىشى چاقىرىقى خىتاي زۇلۇمىغا، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ جانلىق شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ چاقىرىققا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت 4 قىتئەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز نامىدىن يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىشقان ئىدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى شەھرىزات شۇلارنىڭ بىرى. 

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن روزىمۇھەممەد ھاجىممۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان كىشىلەردىندۇر. كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇكەررەم قۇربان خانىم ئۆز چاقىرىقىدا «ۋىجدانىي بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن جەنۋەگە بارىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە يەر بېرىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇراخمان ھەسەنمۇ ئۇيغۇر جامائىتىنى جەنۋە يۈرۈشىگە دەۋەت قىلىدۇ. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى چاقىرىقىدا «ب د ت دا بىز ئۈچۈن سۆز قىلغۇچىلارغا مەدەت بېرەيلى» دەيدۇ. 

ئايلاردىن بۇيان گوللاندىيەدە يالغۇز نامايىش قىلىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇۋاتقان ئابدۇرەھىم غېنىمۇ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەندىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ بۇ سەپكە قوشۇلۇش» قا دەۋەت قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خىلدىكى چاقىرىقلارنى ئېلان قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۋە نامايىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن ئاخىرلاشقان. نامايىشقا 4 قىتئەدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇمكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.