نىجات سەمەتنىڭ ساقچى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى ئەتراپتىكى ئىشلەمچىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.03.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xoten-saqchilar-305.png خىتاي ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خوتەن كوچىلىرىدا
AFP


نىجات سەمەتنىڭ ئالاھىدە ساقچى زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، نىجاتنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەق مەيداندىكى خوتەندىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالاھىدە ساقچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ ئەدىپىنى بەرگەنلىكى ۋە ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ مەيداندىن قاچقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئارقىدىن كۈچ توپلاپ كېلىپ خوتەنلىك ئىشچىلاردىن 30 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

ئەمما نىجاتنىڭ ئائىلىسى ۋەقەنىڭ بۇ تەرىپىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە نىجاتنىڭ تېخى تەلتۆكۈس ئېسىگە كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئاتۇشتىكى 2 - ساقچىخانىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاھىدە ساقچىلار ئۆزلىرى ئۇرغان نىجات سەمەتنى نەق مەيداندا يەنى ئىشلەمچىلەر بازىرىدا تۇتالماستىن، ئىككىنچى ساقچىخانا ئالدىدا كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئالدىغا چاقىرتىپ ئەكىلىپ تۇتقۇن قىلغان. بۇ ئۇچۇر خوتەنلىك ئىشلەمچىلەر بىلەن ئالاھىدە ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىقماقتا.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

بىز ۋەقەنىڭ خوتەندىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئالاقىدار قىسمىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان نىجات سەمەتنىڭ دادىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق:

سوئال: ئاڭلىساق، شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا خوتەنلىك ئىشلەمچىلەر بار ئىكەن، بۇ ئىشلەمچىلەر سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشىغا تاقەت قىلالماي ۋەقەگە ئارىلىشىپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟

جاۋاب: ياق، ئۇنىڭدىن خەۋىرىم بولمىدى، چۈنكى بالام تېخى تولۇق ئېسىگە كەلمىدى. ئەمما شۇ ئىشچىلاردىن بىرقانچىسىنى تۇتۇپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.

بىز بۈگۈن ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، نىجات سەمەت تۇتۇلغان 2 - ساقچىخانىدىن مەلۇمات سورىدۇق:

سوئال: نىجات سەمەتنىڭ ئەھۋالى قانداق ھازىر؟

جاۋاب: قايسى نىجات سەمەت؟

سوئال: ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، نۆۋەتتە ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان؟

جاۋاب: ئۇ ئىش ئالاھىدە ساقچىلار بىلەن بولغان ئىش، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق.

سوئال: نىجات سەمەتنى دادىسىنىڭ سىلەرنىڭ ساقچىخانىغا ئەكەلگىنى راستمۇ؟

جاۋاب: راست. مۇشۇ ساقچىخانىدىن تۇتۇپ ئەكەتتى.

سوئال: ۋەقەنىڭ جەريانى قانداق ئىكەن؟

جاۋاب: ئالاھىدە ساقچىلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتسا ماسلاشمىغان ھەم ئالاھىدە ساقچىلارنى ئۇرۇپ قېچىپ كەتكەن ئىش دەپ ئاڭلىدۇق، ئەمما تەلتۆكۈس خەۋىرىمىز يوق، چۈنكى ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىزنىڭ تەۋەلىك ئەمەس.

سوئال: ئالاھىدە ساقچىلار نېمە ئۈچۈن نەق مەيداندا تۇتماي، سىلەرنىڭ ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا تۇتىدۇ؟

جاۋاب: ئۇلار ھاجەت قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ساقچىخانىغا كىرگەن، ئادەتتە ھەممىمىز قانۇن ساھەسىدە بولغاندىكىن، ئوبۇرنى يىراقتا بولۇپ قالغان ئەھۋالدا مۇشۇنداق ساقچىخانىلارغا كىرىپ ھاجەت قىلىنىدۇ.

سوئال: سىلەر نىجات سەمەتنى ساقچىخانىغا چاقىرتىپ ئەكەپ بېرىپسىلەر، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: بىز چاقىرمىدۇق، بۇلار ئۆزلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق دادىسىغا تېل قىلىپ، بىز مۇشۇ ساقچىخانىغا ئەكەل دېگەن گەپ.

سوئال: ئالاھىدە ساقچىلار، نېمە ئۈچۈن نىجات سەمەتنى نەق مەيداندا تۇتماستىن، سىلەرنىڭ ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا تۇتىدۇ؟

جاۋاب: نىجات ئۇرۇپ بولۇپ دەسلەپتە موتسېكىلىت بىلەن، كېيىن موتسېكىلىتنى تاشلاپ قاچقان دەپ ئاڭلىدۇق. ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى 1 - ساقچىخانا بىلىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە دەسلەپ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ سانى 8 نەپەر. ئۇنداقتا، نىجات سەمەت ئۇلارنىڭ قولىدىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىغان؟ ئالاھىدە ساقچىلار نىجات سەمەتنى نەق مەيداندا تۇتماستىن، نېمە ئۈچۈن 2 - ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا تۇتىدۇ؟ مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، نىجات سەمەتنىڭ قاتتىق ئۇرۇلغىنىنى كۆرگەن خوتەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ ۋەقەگە ئارىلاشقانلىقى، ساقچىلارنىڭ نىجات سەمەتنى تۇتۇشقا نەق مەيداندا چارىسىز قالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ نىجات سەمەتنى ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ چالا ئۆلۈك ھالىتىگە كەلگىچە قاتتىق ئۇرۇشى ئۇلارنىڭ خوتەنلىك ئىشچىلار تەرىپىدىن خېلى قاتتىق ئەدىبىنى يېگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.