د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.08.31
uyghur-mesilisi-erkin-ekrem.jpg ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىدىكى يىغىندا لېكسىيە بەرمەكتە. 2015-يىلى 9-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى 28-ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، خىتاي زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئەزالىرىدىن كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئۆمەر، كومىتېت كاتىپى ئادىلجان ئابدۇرېھىم ۋە خەلچەم مەمتىمىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى، نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، بۇ بۇ ھەقتە توختالدى. 

بەختىيار ئەپەندى نورۋېگىيە پارلامېنتى زىيارىتى جەريانىدا ھەيئەتنىڭ نورۋېگىيەنىڭ 200 يىللىق دېموكراتىيىگە ئۆتۈش تارىخى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىر قانچە ئايدىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان. بەختىيار ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشمۇ شۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى خەلچەم مەمتىمىن خانىم كومىتېتنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئۇچراشقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىمۇ داۋاملىق مەلۇمات بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىم نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن نورۋېگىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە نورۋېگىيەدە دوكلات بېرىدىكەن. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىشلاردىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا نورۋېگىيە پارلامېنتىغا زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.