نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىشنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىش 1-ئۆكتەبىر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى: 12:00دە باشلىنىپ 14:00 دە ئاياغلاشتى.

نامايىشقا ئوسلو ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى مەجبۇرىي تەبرىكلىگۈزۈش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۈندىدار توپلىرىدا تارقاتقان ئۇچۇرلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەتەنسىز قالغانلارنىڭ ھەر قانداق يەردە ھۆرمىتى بولغان ئەمەس، ۋەتىنىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ياخشى سىياسەتلەرنى يارىتىپ ئاچ-يالىڭاچ ۋە سەرگەردان بولۇشتەك ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ، تىنچ مۇھىتتا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانلىقىدىن سۆيۈنەيلى ۋە قەدىرلەيلى، ۋەتىنى پارچىلىنىپ سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان ۋە سەرگەردان بولۇۋاتقان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس قېرىنداشلار، ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىقنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى. جۇڭگو ئارزۇسى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولسۇن»دېگەن ئۇچۇرنى ئۇلاپ تارقاتقان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا دائىرىلەرنىڭ مۇنداق خىلدىكى ئۇچۇر ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈش ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرمەك مەقسىتىگە يەتمەكچى دەپ قارىماقتا.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى نامايىش قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىي قاراخان ئەپەندىم ئۆزنىڭ نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

نورۋېگىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ھاجىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگۈزىۋاتقان ئەھۋالدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇلارنىڭ ئاۋازىنى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.