نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى تۆت كۈن ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.06.29
Nurimanxan-ana-yengi-resim.jpg نۇرىمانخان ئانا قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى ئۆز ئۆيى ئالدىدا. 2015-يىلى مارت.
RFA/Qutluq

بىز ئۆتكەن قېتىم يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى مەمەت ئەزىزنىڭ 23-ئىيۇن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مەمەت ئەزىز تۇتۇپ كېتىلىپ بىر قانچە كۈندىن بۇيان بىز نۇرىمانخان ئانىغا ئىزچىل تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق نۇرىمانخان ئانىنىڭ تېلېفونى دائىرىلەر تەرىپىدىن توختىتىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى.

بۈگۈن نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەمەت ئەزىز يېزىلىق ساقچىخانىدا تۆت كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن سوئال-سوراق قىلىنىپ 26-ئىيۇن كەچتە قويۇپ بېرىلگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ھەققىدە توختالدى ۋە ئاكىسى مەمەت ئەزىزنىڭ سوراق جەريانىدا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بىز تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، قەشقەر ئاۋات يېزىسىدىكى نۇرىمانخان ئانىنىڭ يېڭى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

بىز ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزى بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يېزا سېكرېتارى ۋە يالاڭ كەنتىدىكى ساقچى ئالىمجانغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ،بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.