ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككىچە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر (1)

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاتالمىش «جازا لاگېرلىرى» غا مىليونلاپ قامىشى، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن نارەسىدەلەرنىڭ «تىرىك يېتىم» لەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەرخىللىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان سەۋەبسىز ئۆلۈم ۋەقەلىرى پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

خەلقئارادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا تورلاشقان جازا لاگېرى سىستېمىسىنى قۇرغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغىنىغا ئائىت يېڭى پاكىتلارنى ئاشكارىلىشى شۇنىڭدەك خىتايغا قارىتىلغان تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەر ئاستىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇ لاگېرلارنى ئىختىيارى تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

مانا شۇنداق پەيتتە بەختىگە يارىشا مۆجىزىلەرچە لاگېردىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ بايان قىلغان: «بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ مېڭىش، پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەش، كېچە-كۈندۈز يۇقىرى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كۆزىتىش، قوراللىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ئېگىز تاملار ئىچىگە سەۋەبسىز بىر ئېلىپ كېتىلگەنچە قويۇپ بېرىلمەسلىك، تۈرمە ۋە ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇش، ئاچ قويۇش، قاتتىق جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىش، داۋالىماسلىق ۋە باشقا ئەھۋاللار بۇ لاگېرلارنىڭ تېخنىكا تەربىيەلەش ئورنى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟»

خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان بۇ لاگېرلار زادى قانداق جاي؟

مېھرىگۈل تۇرسۇن، 29 ياش، بۇندىن 6 ئاي بۇرۇن چەرچەندىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. مېھرىگۈلنىڭ ئىككى ھايات قالغان بالىسىنىڭ مىسىر گىراژدانى بولغانلىقى ئۇلارنىڭ خىتايدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. چەرچەندە قالغان ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى گۆرۈگە ئېلىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن مېھرىگۈل قوش كېزەك بالىلىرى بىلەن مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ھىمايىسىدە 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قاھىرەگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىدۇ.

مېھرىگۈل ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى ئايال شاھىت سۈپىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مېھرىگۈل 2015 يىلى 3-ئاينىڭ 15 كۈنى، قاھىرەدە ئىككى ئوغۇل، بىر قىز، جەمئىي 3 كېزەك بالا تۇغقاندىن كېيىن، 2 ئايلىق بولغان بالىلىرىنى ئېلىپ ئىپتىخارلىقتا ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن مىسىردىن يۇرتى چەرچەنگە قايتىدۇ، ئۇ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ -13 كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. تېلېفونلىرى تارتىۋېلىنغان مېھرىگۈلنىڭ مىسىردا قالغان ئېرى بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ.

ئەمدىلا تۇغۇتتىن قوپقان، 3 كېزەك بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان مېھرىگۈل خېيجاسەن تۈرمىسىگە 3 ئاي قامىلىپ، بۇ جەرياندا قايتا-قايتا ئېغىر قىيىن-قىستاق ۋە سوراقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن پەيتتە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئانا سۈتىدىن ئايرىۋېتىلگەن بوۋاقلار بولسا تەڭلا قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ، 3 ئايدىن كېيىن، يەنى، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مېھرىگۈل تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ بالىلىرى داۋالىنىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن مېھرىگۈل 3 كېزەكنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئوغۇل مۇھەممەتنىڭ مۇزلىغان جەسىتىنى قولىغا ئالىدۇ. بىر بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئېغىر ئاغرىپ قېلىشى سەۋەبلىك مېھرىگۈل كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، مىسىرغا قايتىشى تۇرماق بىر يەرگە بېرىشى چەكلىنىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىدۇ.

ئۆمرىدە ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ئالىي مەلۇماتلىق مېھرىگۈلنىڭ بۇ ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز مۇئامىلىلەرگە، بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە ئۇچرىشىغا پەقەت ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇغان ۋە ياشىغانلىقى سەۋەب بولغان.
مېھرىگۈل چەرچەن ناھىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 4-ئايدا تۇتۇلۇپ، لاگېرغا قامىلىدۇ ۋە 3 ئاي جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلارغا ئۇچراش سەۋەبلىك تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2018-يىلى 1-ئايدا ئۇ 3-قېتىم بۇ قاباھەتلىك لاگېر ھاياتىنى يەنە قايتىلايدۇ.

مېھرىگۈلنىڭ قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنىڭ داۋامىنى سەھىپىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدىن ئاڭلايسىلەر.