ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككىچە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر (6)
2018.12.07

مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 3 قېتىم تۇتقۇنغا ئۇچراش جەريانىدا ئوخشاش نۇقتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تۇتۇپ كېلىنگەن گۇماندارلارنىڭ كامېرغا قامىلىشتىن بۇرۇن يالىڭاچ تەكشۈرۈلۈپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى كىيىم-كېچەكلىرى ۋە باشقا بارلىق نەرسە-كېرەكلىرى تۈرمە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تىزىملىنىپ ئېلىپ قېلىنسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىن چىقىدىغان چاغدا بولسا قىممەت باھالىق نەرسىلىرىنىڭ ھېچقاچان تولۇق قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مېھرىگۈل بىزگە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندا، يەنى ئۆزىنىڭ 2017-يىلى، 4-ئايدا چەرچەندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى 210-كامېرغا قامالغاندا، ئۇ كامېرغا كىرگەن تۇنجى كېچىسى ئۇنى كامېردىكى ئاياللارنىڭ ئۆز يېنىدا يېتىشىنى تالىشىپ: «سىز بەك مەززىلىك پۇرايدىكەنسىز» دەپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ ياتقىنىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ كېيىن بىلگەنكى، ئايلارچە ھاۋا ئالماشتۇرۇلمايدىغان بۇ يەر ئاستى تۈرمە، ئاياللارغا ئىچىدىغان ياكى تازىلىق قىلىدىغان سۇمۇ بېرىلمەيدىغان، كىيىمىنىمۇ ئالماشتۇرمايدىغان بولغاچقا بەتبۇي پۇراپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر زۇلمەتلىك جايدىكى شۇ خىل ناچار شارائىتتا ئايلارچە ھەتتا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغانلارمۇ بار بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بەدىنىنى كىر ۋە تۈرلۈك يارىلار بېسىپ كەتكەن ئىكەن.
3 ئاي قامىلىش جەريانىدا مېھرىگۈل بىر قېتىم سۇ تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ تەلىيى كېلىپ كىر يۇيۇشقا تاللانغان ۋاقتى ئىكەن:
مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 2015-يىلى، 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى قايتا-قايتا 3 قېتىملىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامىلىش جەريانىدا، ئۆز كەچمىشلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ زۇلمەتلىك كامېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يەكۈنلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بىرى، تۈرمىدىكى قىستاڭچىلىقنىڭ ئېشىشى تۇتۇش كۆلىمىنىڭ زورايغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، تۈرمىدە بېرىلىدىغان تاماقنىڭ قېتىم سانى، مىقدارىنىڭ بارغانچە ئازلاپ كېتىشى بولسا تۈرمىلەردە ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋاللىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشى يەنە نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ نۇقتىلاردا مېھرىگۈل سەھىپىمىزنىڭ كېيىنكى سانىدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.