ئوسلودا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى، نامايىش ھەم نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

0:00 / 0:00

د ئۇ ق ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 14-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ھەم قانۇنىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى 16-مارتېن 18-مارتقىچە 3 كۈن نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كۇرسنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن تاماملانغان. بۇ كۇرستىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 15-مارت كۈنى، «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشى بولۇپ ئۆتىدىكەن. 18-مارت كەچتە يەنە ئوسلودا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، 14-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى نورۋېگىيەدىكى مىللىي دەۋانىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسىلەر قېتىش رولىنى ئوينايدىكەن.

14-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن د ئۇ ق، رافتو فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، د ئۇ ق 2007-يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىنقى يىللىرى بۇ خىلدىكى كۇرس سىتوكھولم، بېرلىن، بىريۇسسېل، جەنۋە، دېنھاگ، سىدنېي، توكيو، ۋاشىنگتون قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئوسلودا بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش بىلەن، 18-مارت كەچ ئۆتكۈزۈلىدىغان نورۇز پائالىيىتىنىڭ ھازىرلىقلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ تور سەھىپىسىدە بۇ خۇسۇستا 9-فېۋرال ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىرىنچى كۈنى، يەنى 16-مارت كۈنى نوبېل ئەركىنلىك سارىيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى شەكلىدىكى بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى، نورۋېگىيەدىكى كۇرسقا ئىشتىراك قىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى، نورۋېگىيە ۋە ياۋروپانىڭ بىرقىسىم ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى، رافتو فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ھەمدە نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن. ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسى داۋام قىلىدىكەن. كۇرس ئاخىرلاشقان 18-مارت كۈنى كەچتە نورۇز پائالىيىتى بولىدىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن خەلچەم خانىممۇ بۇ توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى پائالىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە بىلەن تەييارلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇشقا، خەلقئارالىق سەۋىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ بۇ كۇرس ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا «بولۇپمۇ، بۇ يىغىننىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەن مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارچە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بولۇۋاتقان زۇلۇمنى نورۋېگىيە خەلقىگە، مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلگەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 15-مارت كۈنى ئوسلودا ئاياللار نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدىن بىر كۈن بۇرۇن بولىدىغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدىكى بۇ نامايىشقا ئوسلودىكى ئاياللاردىن باشقا، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە نورۋېگىيەدىكى باشقا ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاتنىشىدىكەن.