قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەر بىلەن بىر قاتاردا، تارىخىي ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىمۇ بىئارام قىلماقتا. بولۇپمۇ قازاقىستانلىق ۋە قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ مەملىكەتلەردىكى سۆز ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيە قەدرىيەتلىرىدىن پايدىلانغان ۋە يەرلىك قانۇنلارغا ئەمەل قىلغان ھالدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي سىياسىتىگە ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتتى. 1-ئۆكتەبىرنى «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر قاتاردا قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە ماتەم يىغىنى ئۆتكۈزدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن بولۇپ 250 كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكەن مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمى ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئاساسىي دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستان بويىچە ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف، شۇنداقلا «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، ئەدلىيە خادىمى تۇرسۇن ئىسلام ۋە باشقىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان 1949-يىلدىن باشلاپ تا بۈگۈنكى كۈنگىچە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە، باستۇرۇش ۋە باشقىمۇ رەزىل سىياسەتلىرىنى پاش قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستان بويىچە ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزمۇ، ئۇيغۇر جامائىتى، ئەل قاتارى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا ماتەم كۈنى ئۆتكۈزدۇق. چۈنكى بۇ چاقىرىقتا ئۆزۈڭلار ياشاۋاتقان يەرلەردە شۇ يەردىكى ئەھۋالغا قاراپ، شۇ يەرنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈڭلار دېگەنلىكى ئۈچۈن، تويلارنى توختىتىشنى ئېلان قىلدۇق. 1-چېسلا قىرغىزىستاندا خەلق ھېچ يەردە توي، تەۋەللۇد ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆتكۈزگىنى يوق شۇنداقلا بۇ كۈنى ‹ئىتتىپاق› رەئىسى ئارتىق ھاجىم باشلىق ئالامېدىن مىكرورايونىدا 250 چە ئادەم يىغىلدى. ئۇ خىتاي ئۈچۈن بايرام بولسا، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم بولۇپ، شۇ ئاساستا دوكلاتلار قىلىپ، خەلققە چۈشەندۈرۈپ، مۇشۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن ئىسلام بولسا، مۇراسىمدا ئاساسىي سۆز قىلغانلاردىن تاشقىرى يەنە سۆزگە چىققان ئاقساقاللارنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ كەلگەنلىكى، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قانداق قۇۋلۇق-شۇملۇقلارغا قىلغانلىقى توغرىلىق ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «1949-يىلى خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇرىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار جىم ياتتىمۇ؟ ياق، جىم ياتقىنى يوق. ئالدى بىلەن 1950-يىلى قۇمۇلدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، جەڭ قىلغان ئۇيغۇر لىدېرلىرى، ئاندىن ئوسمان باتۇر قازاقلار بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ جەڭ قىلىپ، خىتايلارنى ناھايىتى چۆچۈتكەن. ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە قولىدا قورال بولمىسىمۇ، پىدائىيلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئۆزى قوغداپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى پەقەت ئۇخلاپ قالغىنى يوق، قولىدىن كەلگەن قارشىلىقنى قىلىۋاتىدۇ، ھېچ قاچان خىتايلارغا باش ئەگمەيدۇ. ھازىرقى تېڭىۋاتقان ئاتالمىش ئاپتونومىيىسى ساختا بىر ئاپتونومىيە. ئاندىن نومۇس قىلماي ئاق تاشلىق كىتابنى چىقىرىپتۇ. بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇرلار ناھايىتى باي ياشاۋاتىدۇ، ئىنسان ھوقۇقى ناھايىتى ھىمايە قىلىندى دەپتۇ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بىر يېرىم تىرىليون پۇل ياردەم بەرگەن دەيدۇ، ئامما ‹سەن بىر يېرىم تىرىليون پۇلنى بېرىپسەن، ئۇيغۇرىستاننىڭ بايلىقىنى قانچىلىك توشۇدۇڭ، ئۇ توغرىلىق سۆز قىلالمامسەن؟› دېگەن سوئاللارمۇ بولدى.»