قوبۇقسار ناھىيىسىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلغان، ئۆي ئىگىلىرى قاتتىق ئۇرۇلغان

0:00 / 0:00

يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش، چېقىۋېتىش ياكى تۆۋەن باھادا سېتىشقا مەجبۇرلاش نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تېگىۋاتقان بۇ خىل زوراۋانلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى شىمالدىكى بەزى ناھىيەلەردىمۇ يۈز بەرمەكتىكەن.

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن سەيپىدىن سىدىقنىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە سەيپىدىن ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئۆيىدە يوق بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق ئالدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان.

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەيپىدىن سىدىق مۇنۇلارنى بايان قىلدى:
«شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىزگە ھېچ ۋاقىت ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىدى. ئۇلار بىز ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئۆيدە يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆيىمىزنى چېقىپ تۈزلىۋەتتى. ئۇ چاغدا مەن بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدىم، ئايالىم شۇ كۈنى سەھەر سائەت 6:00 دە ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراقتىكى ئىش ئورنىغا ئىشلىگىلى كېتىپتۇ. شۇ كۈنى ئىش ۋاقتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى بىرقانچە تراكتور ۋە ماشىنىلار بىلەن باستۇرۇپ كېلىپلا ئۆيىمىزنى بۇزغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن قوشنىلار ماڭا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«مەن ئاكام بىلەن ئىنىمغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئۇلار نەق مەيدانغا كېلىپ ئۆينى ئۆرۈۋاتقانلاردىن ‹بىز ئۆيدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى ئالدى بىلەن ئېلىۋالايلى، ئاندىن چاقساڭلارمۇ بولىدۇ› دەپ يالۋۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۇنىماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپتۇ. ئۇلار ئاكام بىلەن ئىنىمنى تۇتۇپ بولكىۋاي ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە قاماپتۇ، ئاندىن قاتتىق ئۇرۇپتۇ. چوڭ ئاكام ئېغىر تاياق زەربىسىدىن شۇ يىقىلغانچە ئورنىدىن تۇرالماي قالدى. قوبۇقسار ناھىيەلىك دوختۇرخانا داۋالىيالماي، قارامايغا يوللاپ بەردى. مانا ئىككى ھەپتە بولاي دېدى، ئاكام قان قۇسۇپ، يۈرىكى زەئىپلىشىپ كەتتى. ساقىيىشىدىن ئۈمىد بارمۇ-يوق، بىلمەيمىز.»

سەيپىدىن سىدىق ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مەن قايتىپ كېلىپلا بۇ يولسىزلىق ئۈستىدىن ئەرز قىلدىم. ئۆيىمىزنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەچكە ھازىر بىر ئائىلە كىشىلەرنىڭ كىرىدىغان جايىمىزمۇ يوق بولدى. دەسلەپ ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا ئەرز قىلدۇق، سوتقا ئەرز يوللىدۇق، ئۇلار ھېچنېمە دېيەلمىدى. ئاندىن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلدۇق، ساقچى باشلىقى ئەرزىمىزنى ئاڭلاپ، ‹ئەمدى بولىدىغان ئىش بوپتۇ، ئاكاڭلارنىمۇ شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى داۋالىتىۋېتىپتۇ. بۇ ئىشنى كېيىن دېيىشەيلى› دەپ گەپنى ئۈزدى. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز مانا شۇ…»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.