پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى 5 يىلنىڭ ئالدىدا ئانا تىل مەكتىپى ئېچىپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئۈسمۈر - بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە باشلىغان ئىدى.
بۇ ئىشتىن ئەندىشىگە چۈشكەن پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، راۋالپىندىدىكى بىر پاكىستان مەكتىپى بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى شۇ مەكتەپكە يىغقان ؛ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. دەسلىپىدە بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆگىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى، بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆتكەن ئايدا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كىتاب تارقاتقان؛ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار يېقىندا مەزكۇر مەكتەپكە بېرىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۇردى ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر باياناتمۇ ئېلان قىلدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى ئانا تىل مەكتىپىنى تاقاشقا بۇيرىغان پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىش ئىشىنى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان مەكتەپنىڭ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەسلىدە ئانا تىل مەكتىپىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى قۇرغۇچى ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇلار بىلەن رىقابەتلىشىپ راۋالپىندىدىكى بارلىق ئۇيغۇر بالىلارنى بىر مەكتەپكە يىغقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بالىلىرى ئىلگىرىكە نىسبەتەن كۆپرەك ئۆز - ئارا ئۇچرىشىش ۋە شارائىتى ياخشىراق مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئىجابىي بىر نەتىجە دەپ قارىغان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى، گەرچە مەكتەپتە ئانا تىل ئۆگىتىلمىسىمۇ ئاتا - ئانىلارنى پەرزەنتلىرىنى بۇ مەكتەپكە بېرىشتىن توسۇمايدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن قارشىلىشىپ بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىر مەكتەپكە يىغىپ قويغان خىتاي ئەلچىخانىسى، بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەپكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا قارشى يېڭى بىر ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇ ھەرىكەت مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئۆگىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق مۇھاجىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدە جۇڭخۇا ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش. ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ دەل مۇشۇ ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار مەزكۇر مەكتەپكە يېتىپ بېرىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئاتا - ئانىلار مەكتەپ رەھبەلىرىنى ئەگەر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە ئوقۇتۇلسا ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىز قاراپ تۇرمايدىغانلىقى، قولىدىن كەلگەن بارلىق چارىلەر بىلەن خىتايچە ئوقۇتۇشنى توختىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتكەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ نامى«پىك مونتي سىكول» بولۇپ، بۇ مەكتەپتە نۆۋەتتە 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 150 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى.
0:00 / 0:00