پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن.
قانۇن دائىرىلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ ئۇزۇن مۇددەت كۆزەتكەن، گۇمانلانغان، ھەتتا بەزىدە تەقىب ئاستىغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كېلىشىگە ۋىزا بەرمىگەن.
بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم ئەپەندىم دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەن داۋاسىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پاكىستان مۇسۇلمانلىرىغا شۇنداقلا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل ئاڭلىتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئابدۇقېيۇم ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىز.