5-ئىيۇلدا غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ 7-ئاپرېلدا يېپىق سوتلىنىدىغانلىقى بۇ بىگۇناھ ئانا ھەققىدە ئالغان ئاخىرقى ئۇچۇرىمىز ئىدى. لېكىن ھازىرغىچە پاتىگۈل غۇلامنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئېنىقسىز ئەھۋالدا بولۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۆزىنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ كونا قوشنىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇشتۇرغان بىر خانىم مۇخبىرىمىزغا پاتىگۈل غۇلامنىڭ قالغان ئىككى پەرزەنتىنىڭمۇ تەھدىت ۋە كۆزىتىش ئاستىدا بولغاچقا ھەتتا قوشنا خولۇملارنىڭمۇ ئۇلاردىن ھال ئەھۋال سوراشقا پېتىنالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى، پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئوغلىغا ۋە ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسىگە قىلغان تېلىفونلاردا ئالغان جاۋابلارمۇ، نۆۋەتتە پاتىگۈل غۇلامنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ دائىرىلەرنىڭ تەھتىدى ئاستىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پاتىگۈل غۇلامنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى پاتىگۈل غۇلام مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرمىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەقىقدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلماقتا. بۇ ئەكسىچە، يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر ۋە ئورگانلارنىڭ پاتىگۈل غۇلامنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولماقتا. يېقىندا بىر پۇرسەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىققان بىر خانىم ئۆزىنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ قوشنىسى دەپ تونۇشتۇرۇپ، پاتىگۈل غۇلام قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىك قىزى مېھرىگۈل ۋە ئوغلى مەخمۇت قاتارلىق قالغان ئۈچ پەرزەنتىنىڭمۇ داۋاملىق ساقچىلارنىڭ كۆزىتىشى ۋە تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن پاتىگۈل خانىمنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھەتتا ئۇلار بىلەن بۇرۇندىن يېقىن ئۆتكەن قولۇم-قوشنىلارنىڭ بۇ ئىگە چاقىسىز قالغان بالىلاردىن ھال سوراپ، ياردەم قىلىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ بىچارە بالىلارنىڭ تەقدىرى بەك ئېچىنىشلىق، ئۇلار ئاپىسى تۇتۇلغاندىن كېيىن تەھدىتكە ئۇچرىغان، داۋاملىق كۆزىتىشتە، بىز قوشنىلارمۇ بىچارە بالىلارغا شۇنداق ھېسداشلىق قىلغۇمىز، ياردەم قىلغۇمىز بار، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ، ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىك قىلىشىدىن قورقۇپ پېتىنالمايۋاتىمىز. ئەمما، ئۆز-ئارا ئۇلار ھەققىدە پاراڭلىشىمىز، لېكىن يېقىندىن بۇيان پاتىگۈل خانىمنىڭ زادى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدۇق، بالىلىرىمۇ ئالاقىلىشىشى چەكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارمۇ قورقىدۇ. بولمىسا قېرىندىشىغا ئوخشاش ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن-دە.»
يېقىنقى كۈنلەردە رادىئومىز ۋە باشقا چەتئەل ئاخباراتلىرىدىن پاتىگۈل غۇلام ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتىنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ھېس قىلغان بۇ خانىم، قوشنىسى پاتىگۈل خانىمنى ئاخىرقى قېتىم 2013-يىلنىڭ ئاخىرى كۆرگەندە زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان بۇ ئانىنىڭ بالىسىنىڭ دەردى ۋە ئەلەمدىن كۆزىدىن ياش توختىمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆزىدىن مەيلى قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر غايىب ئوغلى ئىمام مەمەتئېلىنى ئىزدەشنى توختاتمايدىغانلىقىدەك ئىرادىسىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، پاتىگۈل خانىمنىڭ شۇ سەۋەبلىك تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى پاتىگۈل ھەدەشنىڭ تېنىنى تۈرمىگە سولىۋالغان بىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ جىم تۇرمايدۇ دەپ ئويلايمەن. چوقۇم ئوغلىنى توختىماي سۈرۈشتە قىلىپ ساقچىلارنى تىللايدۇ. ئۇلارغا قارشىلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ پاتىگۈل خانىمنى جىم قىلىش ئۈچۈن زورلۇق بىلەن ئىش كۆرۈشىدىن، ئۇنى خورلىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن...»دېدى.
پاتىگۈل خانىمنىڭ بۇ كونا قوشنىسىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىگە قارىغاندا، پاتىگۈل خانىم ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئېغىر غۇربەتچىلىكتە ھايات كەچۈرگەن، يولدىشىدىن ئاجرىشىپ بالىلىرى بىلەن يار-يۆلەكسىز قالغان پاتىگۈل خانىم يىللاردىن بۇيان زور ئىقتىسادىي بېسىمدا قالسىمۇ ھالال كۈچىگە تايىنىپ، تىرىشىپ بالىلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشۇش جەريانىدا ھەم ئاتا، ھەم ئانا بولۇپ جەۋىر-جاپا چەككەن. بىلگىنىمىزدەك مىڭ بىر تەسلىكتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان چوڭ ئوغلى ئىمام مەمەتئېلى غايىب بولۇشنىڭ ئالدىدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تېخى يېڭىلا خىزمەتكە ئېلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىكەن: «بىز قولۇم-قوشنىلار بۇ جاپاكەش مېھرىبان ئانىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەيلى دېسەكمۇ قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمايتتى، ئامالسىز ئۇنى باھانە تېپىپ ئۆي ئىشلىرىگە ياردەملىشىشكە چاقىراتتۇق، ئۇمۇ ھەر قانداق ئىشنى ئېغىر كۆرمەي بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئۆتكەن جاپاكەش پىداكار ئانا ئىدى.»
بۇ ئائىلىنىڭ تەقدىرى ئىمام مەمەتئېلى غايىب قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ تەسلىشىشكە باشلىغان، پاتىگۈل غۇلام خانىم چەتئەل ئاخباراتلىرىغا غايىب ئوغلىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بولسا، ئۈرۈمچى 20-ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەخمۇت ۋە 14-ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان قىزى مېھرىگۈلمۇ ساقچى ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ توختاۋسىز سوراقلىرىغا چىدىماي ئاخىرى مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بالىلىرى ناھەق تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ سىمۋولى بولغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ تۈرمىگە سولىنىشى بىلەن، دادىسىز، ئاپىسىز ۋە بىر قېرىندىشى غايىب بولغان بۇ بالىلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئاخىرقى قېتىم پاتىگۈل ھەدەشنى كۆرگەندە قىزى مېھرىگۈل سىلەرگە ئائىلىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى ئەۋەتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ۋە ساقچىنىڭ ئون نەچچە سائەتلەپ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئۇ قىز كومپيۇتېردا ئېپى بار ئوخشايدۇ، ئاخىرى بېسىمدا ئۇ قىزىمۇ ئوقۇشتىن چىقىپ كېتىپتۇ. ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.»
پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئوغلى ماخمۇتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاغىنىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پاتىگۈل خانىمنىڭ 7-ئاپرېل سوتلانماقچى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەخمۇت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى: «ئالدىنقى قېتىم مەخمۇت بىلەن پاراڭلاشقاندا پاتىگۈل ئاپاشنى 7-چېسلا ئۆيدىكىلەرنىمۇ قاتناشتۇرماي سوتلايدىغىنىنى ئېيتقان، ئۆزى ئىشلەۋاتاتتى، ئاۋۇ شاتلىق باغاقلىرى دېگەندە باغاق باسىدۇ، كېيىن ئاغىنە بالىلارمۇ مەخمۇت بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىمىز، تېلىفوننىمۇ ئالمايدۇ...»
14-ئاپرېل پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئوغلى ماخمۇتنىڭ تېلېفونى ئاخىرى ئۇلانغان بولسىمۇ، ئۆزلىرى ۋە پاتىگۈل خانىمنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئالىمىزغا پەقەت «دەپ بېرەلمەيمەن ھەدە، گەپ كېلىپ قالىدۇ، دەپ مۇشۇ كۈننى كۆرۈۋاتىمىز ئاچا» دېگەن قىسقىغىنا جاۋابى پاتىگۈل غۇلامنىڭ بالىلىرىنىڭ نەقەدەر چارىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك.