خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پېتىر داھلىن شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 3-يانۋار كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر داھلىن 26-چېسلا ئەتىگەندە شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە شىۋېتسىيە رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىر سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى: «مەن، ئۆزۈمنىڭ شىۋېتسىيەگە سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن بەك خۇشال، ئەمما مېنىڭ ئۈچ خىزمەتدىشىم ۋە دوستلىرىمنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم.»

پېتىر داھلىن ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا، بىر قېتىم ئەلچىخانا خادىمى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى ۋە سىرتتىكى ئۆزى توغرىلىق بولۇۋاتقان ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىز دوستىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنى بولسا سالامەتلىك ئەھۋالى ناچار بولغانلىقتىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بىلەن قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرى بولسا، «چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى قوغلاپ چىقاردۇق» دەپ خەۋەر تارقاتقان ھەمدە پېتىر داھلىننى ئىككىنچى قېتىم خىتايغا كىرەلمەس قىلىپ قويۇۋەتكەن.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسىتورۆم پېتىر توغرىلىق بەرگەن باياناتىدا پېتىرنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى، پېتىرنىڭ مەسىلىسىنىڭ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي يوللار ئارقىلىق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر شۋېد پۇقراسى گۈي مىنخەي تېخىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسىتورۆم گۈي مىنخەينىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، پات يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ شىۋېتسىيە رادىئوسىغا بەرگەن بايانىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلاشقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقى ئاشقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئىككى يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ياردەمنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، پېتىر داھلىننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تېلېۋىزورلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى يېڭى بىر ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە مەبلەغ سالماسلىقى ھەم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىقى توغرىسىدا قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت پېتىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىكتاتورىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت بايانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پېتىر داھلىننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، پېتىر داھلىنغا ئوخشاش، ئوخشىمىغان پىكىردىكى گۇناھسىز، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار پېتىر داھلىننىڭ قويۇپ بېرىلىشنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەت ئالدىدا يەنە بىر قېتىم يېڭىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىي باتۇرجان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پېتىرنى تۇتقۇن قىلىشى غەرب ئەللىرىگە كۆرسەتكەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.