ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى: «مەزىن ئەكبەر نەسىردىن نەزىردە پولۇ يېمىگەنلىكى ئۈچۈن سولاقتا»
ئويمانبايتوقايدا كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنغان 41 سىياسىي مەھبۇستىن مەزىن ئەكبەر نەسىردىن قاتارلىقلارنىڭ نەزىرگە بېرىپ پولۇ يېمەي قايتقانلىقى ئۈچۈن سولاقتا ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-03-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئويمانبايتوقايدا كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنغان 41 سىياسىي مەھبۇس ھەققىدىكى خەۋەرلىرىمىز تارقالغاندىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يېزىپ، 41 تۇتقۇننىڭ ھەممىسىنىڭلا نەزىرگە بارمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلمىغانلىقىنى، بۇلاردىن مەزىن ئەكبەر نەسىردىن قاتارلىقلارنىڭ مەزكۇر نەزىرگە بېرىپ پولۇ يېمەي قايتقانلىقى ئۈچۈن سولاقتا ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا بۇ ئىنكاسنىڭمۇ توغرىلىقى دەلىللەندى.
مەلۇم بولۇشىچە 31 ياشلىق مەزىن ئەكبەر نەسىردىن نەزىرىگە بارغان، ئەمما ئۇ نەزىردىن بالدۇر قايتقان. ئۇ نەزىردىن قايتقاندا، ئۇنىڭ بىر تۈركۈم دوستلىرىمۇ بىرلىكتە قايتقان. سابىق كومپارتىيە ئەزاسى ھارۇن دېگەن كىشىنىڭ يەتتە نەزىرىنىڭ جامائەتسىز ئۆتىشى تەۋەلىكتىكى خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
خىتاي ئۆتكەن يىلى، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى ناملىق بىر قوللانما تارقاتقان. بۇ قوللانمىنىڭ 8 - ماددىسىدا پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرى بىلەن سالاملاشماسلىق، ئۇلار بىلەن قۇدىلاشماسلىق، ئۇلارنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتماسلىق دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ قوللانما ئەينى چاغدا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئاڭلىغىنىڭلار، تۈركىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئابدۇلئەىزىز ئەپەندىنىڭ بايانلىرى. دېمەك ئويمانبايتوقايدىكى كوللېكتىپ تۇتقۇن خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى تارقاتقان دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى ناملىق سىياسىي قوللانمىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان.