يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۈندىدار ۋە فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بارغانسېرى چېكىدىن ئاشماقتا.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن خوتەندىكى خادىم ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە خوتەن شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئۆزىدىلا 1000 دىن ئارتۇق موتسىكلىت يىغىۋېلىنغان. قاتناش ساقچىلىرى يىغىۋېلىنغان موتسىكلىتلارغا ئېغىر ھالدا جەرىمانە قويغاندىن باشقا، توختىتىلغان ھەر كۈنىگە يەنە 5 سومدىن توختىتىش ھەققى ئالغان. موتسىكلىت يىغىۋېلىشنى ئۈنۈملۈك بىر ئىقتىسادىي كىرىمگە ئايلاندۇرۇۋالغان خىتاينىڭ قاتناش ساقچىلىرى، كوچا-كوچىلاردا موتسىكلىتلىقلارنى قوغلاپ تۇتماقتا، دۈشكەللىمەكتە؛ بەزى چاغلاردا موتسىكلىتتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش قاتناش قورالىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن يالۋۇرۇپ-يېلىنىۋاتقان ئانا-بالىلارنى غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلە بىلەن قاقشاتماقتا.
فېيسبوكتا ئەڭ يېقىندا تارقالغان بىر سىن پارچىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قاتناش ساقچىلىرى بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنى بازاردا قوغلىماقتا، ياقىسىدىن تۇتۇپ سۆرىمەكتە ۋە دۈشكەللىمەكتە. ئۇيغۇر ياشنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ قوغلىنىدىغان ۋە تۇتۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالى جاۋابسىز قالدۇرۇلماقتا. قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىر دۆلەت خىزمەتچىسىگە خاس بولمىغان بۇ تۈر زوراۋانلىقلىرىنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ گەرچە ۋەقەگە غەزەپلىنىۋاتقانلىقى چىراي ئىپادىلىرىدىن ئايان بولسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرىنى توسۇشقا چارىسىز قېلىۋاتقانلىقى بايقالماقتا. تاراتقۇلاردىكى بۇ ئۇچۇرلارغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا، قاتناش ساقچىلىرى خائىن، مۇناپىق ۋە غالچا دېگەنگە ئوخشاش سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
تاراتقۇلاردا ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر ئۇچۇردا، بىر ئانا ۋە ئىككى بالىنىڭ موتسىكلىتىنىڭ چاقىغا ئېسىلىۋالغانلىقى ۋە موتسىكلىتىنى تارتىۋالماسلىق ھەققىدە يېلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن. موتسىكلىتتىن ئايرىلسا، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش قورالىدىن ئايرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان بۇ ئائىلە ئەزالىرى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىڭشىمايۋاتقانلىقى، ھەتتا مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقى ساقچىلارنىڭ تۇرقى ۋە تونلىرىدىن مەلۇم بولماقتا.
بىز بۈگۈن خوتەندىكى بىر قاتناش ساقچىسىغا تېلېفون قىلىپ، موتسىكلىتلارنى يىغىۋېلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بۇ قاتناش ساقچىسى، موتسىكلىتلارنى يىغىۋېلىشلارنىڭ توغرا ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان تەۋەلىكتە ھەربىي بازا بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر موتسىكلىتلار ياخشى باشقۇرۇلمىسا، ھەربىيلەرنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۆتكەن ئايدا موتسىكلىتى يىغىۋېلىنغان ۋە جەرىمانە تۆلەپ موتسىكلىتىنى قايتۇرۇۋالغان بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خوتەن شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئۆزىدىلا 1000 دىن ئارتۇق موتسىكلىت تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن نۆۋەتتىكى ئۆلچەمدە جەرىمانە ئېلىنسا، بىر مىليون يۈەن توپلىنىشى ۋە بۇ پۇلغا شۇ تەۋەلىكتە 24 قەۋەتلىك بىر بىنا سېلىنىشى مۇمكىنكەن.
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ موتسىكلىت باشقۇرۇشىدىكى ئاكتىپچانلىقىغا ئاساسەن سەۋەبنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.