ئالمۇتاداىكى ئۇيغۇرلار «ماتەم كۈنى» دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى
2018.10.01

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدا كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. بۇ يىلقى پائالىيەت بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ سىياسەتنىڭ ھەددىدىن ئاشقان بىر ۋاقتىغا توغرا كەلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 30-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇم» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 100 ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.
مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئازادلىق، ئەركىنلىك يولىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئاندىن كېيىن ياش پائالىيەتچى ئادىلەم مەسىمجان «1-ئۆكتەبىر ماتەم كۈنى» تېمىسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان سىياسىتى، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى قىلىۋاتقان نارازىلىقلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسىتى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
مۇراسىمدا سۆزلىگەن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدىن كەلگەن ۋەكىل ئابدۇقەييۇم ئاخۇنوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ كومىتېتى باشلىقى دىلنۇر قاسىموۋا، «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ۋە باشقىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «ئېھسان» ژۇرنىلى تەھرىرات بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە نېمىلەرگە چوڭ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندىكى زۇلۇم بىز ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق. مۇشۇ زالىملارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى بىز كۆڭۈلدىكىدەك ھەرىكەتلەرنى قىلالمايۋاتىمىز. مەسىلەن، بىرىنچى قىلىدىغان ھەرىكىتىمىز ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، بىر ئاۋاز بىلەن شۇلارغا قارشى تۇرۇپ، جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. بىراق بۈگۈن تەشكىلاتلار ياكى ئۆزئارا بولسۇن، چۈشەنمەسلىكلەر بار. شۇنداقلا ۋەتەنگە، مىللەتكە بولغان كۆزقارىشىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋالدۇق.»
سەدىردىن ئايۇپوف پەقەت بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق بىرەر مەقسەتكە يېتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ سانىغا ۋە كۈچىگە نىسبەتەن بۇ يۆنىلىشتە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارالمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۆز داۋايىمىزنى دۇرۇس يەرلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈرەشنىمۇ ئۆز جايىدا قىلالمايۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا دەيدىغىنىمىز، مەن يېتىم ھالەتتە ياشاشقا رازىمەنمۇ ياكى ئەنە شۇ ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇشۇم كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئورنىدىن دەس قوپۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش پائالىيەتچى ئادىلەم مەسىمجاننىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار 69 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىم سىياسىتى ئاستىدا ياشاپ كەلمەكتىكەن. ھازىرقى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرگە قىلىۋاتقان زورلۇق-زومبۇلۇق ئەڭ چېكىگە يەتكەن ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئانا تىلىمىزنى چەكلەش، مىللىي مائارىپىمىزنى خىتايلاشتۇرۇش، مەدەنىيىتىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى يوقىتىش، ئەسىرلەر بويى ئىتائەت قىلىۋاتقان دىنىمىزدىن چېكىندۈرۈش، تارىخىي يادىكارلىقلىرىمىزنى ئۇجۇقتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقىمۇ قازاق، قىرغىز ئوخشاش تۈرك-مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ‹مېڭىسىنى يۇيۇپ›، ئۇلارنى كوممۇنىستىك ئىدىيەدە تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆزگىچىلىكىنى، مىللىي روھىنى، غۇرۇرىنى تۈپ ئاساسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئاتاقلىق زىيالىيلىرىمىزنى، مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنى چەتتىن قاماپ، ھەتتا جىسمانىي يوقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»
ئادىلەم مەسىمجان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان دائىرىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.