قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.06.14
Almutada-otken-iptar-ziyapiti.jpg ئالمۇتادا بولۇپ ئۆتكەن ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 13-ئىيۇن، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

13-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئاق نىيەت» رېستورانىدا ئىپتار زىياپىتىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىددىي ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن جامائەتچىلىك، ھەرقايسى جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، يىگىت باشلىرى، زىيالىيلار ۋە ياشلار قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەتكە يەنە ئالمۇتادا ياشايدىغان قىرىم تاتارلىرى، ئەزەربەيجان ۋە باشقۇرت خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئالدى بىلەن دىنىي زات سەدىرىدىن ھاجىم ئەركىنلىك ۋە ئادالەتلىك ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان «جىبېك» شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مەمەدىنوف ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا يەنە قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ زەرداب چېكىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ ئادالەتسىزلىكلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ھېچ گۇناھ ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ قازاق ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن خېلى ئاكتىپلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاققاس مەمەدىنوف قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا تايانغان ھالدا قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاندىن قازاقىستاندىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف تەرىپىدىن تەييارلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاشىنگتوندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا قىلغان نۇتقىنى، ۋەتەن-مىللەت ھەققىدە ئوقۇلغان شېئىرلارنى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلىك ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ فىلىم كۆپچىلىكنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى ۋە مائارىپىنى تۈپ ئاساسىدىن يوقىتىشقا جىددىي كىرىشكەنلىكىنى، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- ۋە 80-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ زور كۈچىنى تەشكىل قىلغان مىللىي زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىدە ۋەتەن تەقدىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى، ھازىرقى زىيالىيلارنىڭ ئەنە شۇ ئەنئەنىنى داۋام قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى زىيالىيلارنىڭ، يىگىت باشلىرى يېتىلىگەن يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ھەم ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش لازىملىقىنى، مىللىي ھەرىكەتنىڭ كېلەچىكى بولغان بىلىملىك، مىللىي غۇرۇرى ئۈستۈن ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى، قازاقىستاندىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بىرىنچى نۆۋەتتە مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بىر پۈتۈن جازالاش لاگېرىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى گارىف مامېدوف، قىرىم تاتارلىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سېيىت بابالىيېف، «ئاگىدېل» باشقۇرت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئازامات رىسكېلدىنلار ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئۆمۈر سۈرۈشكە، ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئەۋلادلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىزھار قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرىم تاتارلىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور سېيىت بابالىيېف ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنىڭ بۈگۈن ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز بارلىقىمىز بىر بىئولوگىيەلىك ماتېرىيالدىن تۈزۈلگەن. ئادەملەرنى مىللىتىگە قاراپ بۆلۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەر بىر خەلق ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ھوقۇقلىرىغا ئىگە. ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىرى بولسا، دېمەك دۆلەت ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماي، ئەكسىچە ھىمايە قىلىشى كېرەك ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە شۇنداقلا فىلىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ياقتا ئەنە شۇ قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان ھەرىكەتلەر يۈز بېرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش لازىم ھەم بۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىش كېرەك».

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر مۇراسىم كۆپچىلىككە قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، سۆزدىن ئەمەلگە كۆچۈشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى يەتكەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يېتىشنىڭ ئۇيات ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرىستاننىڭ ئوتتا كۆيۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنى نامەردلىك دەپ بىلىپ، ياخشى تەشەببۇس كۆتۈرۈپتۇ. شۇ ياقتىكى پاكىتلارنى خەلقئاراغا ئاشكارا قىلىش ھەم خەلقئارانىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق بىر تەشەببۇس بىلەن چىققىنى ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ. بىز بۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ ئوتتا كۆيۈۋاتقانلىقىنىڭ تاماشىبىنى بولۇش بىزگە ئۇيات. بىزمۇ قولىمىزدىن كەلگەن ئىشنى قىلىشقا تەييارمىز».

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىلگىرى پەقەت ئۇيغۇرلارلا بىلگەن بولسا، ھازىر باشقا خەلقلەرنىڭمۇ بۇنى تېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى خەلقئاراغا ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشقا رۇسىيەدىمۇ ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلماقتىكەن. مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ھەمراجان ئامراقنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەر ئېلىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك قايغۇرماقتىكەن. ئۇ رۇسىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىنچ ياتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا ھەر ياقتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. شۇ يىغىندا رۇسىيە پرېزىدېنتىغا خەت تەييارلىغان ئىدۇق. ئۇنى قانۇن-ھوقۇق ۋەكىللىرىگە كۆرسەتتۇق. ئەمدى شۇنى بېرىمىز. بۈگۈن ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار باش قوشۇپ، خىتاينىڭ قىلىۋاتقان تاجاۋۇزلىرىغا قارشى يىغىن ئۆتكۈزدى. ئەمدى يىگىت باشلىرى ئارقىلىق ئىمزا توپلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، ھەر تۈرلۈك مەملىكەتلەرگە خەت تەييارلىدۇق. ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئىشلار گىتلېر ۋاقتىدىكى ‹تۇخۇمىدىن قۇرۇتىمەن› دېگەنگە ئوخشاش بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا يول قويمايمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى رايون خاراكتېرلىك يېتەكچى مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان قوشنا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دوستلۇق ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە. قازاقىستان خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرىداش مەملىكەتتۇر. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا 500 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر جامائىتى ياشايدىغان مەملىكەت ھېسابلىنىدىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئالاقىلىرى، ئۆز ئارا بېرىپ-كېلىشلەر خېلى قويۇقلاشقان ئىدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش ۋە تەقىب سىياسىتى تۈپەيلى قازاقىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.