بۇ يىل 29-يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە «مەن خىتاي پۇقراسى، مەن پارتىيەلىك» دېگەن تېمىدا 100 مىڭ كىشىلىك قەسەميات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت مەزكۇر ناھىيەدىكى 11 يېزىغا قاراشلىق 95 كەنتتە دۈشەنبىلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بىلەن بىرلىكتە تاماملانغان. ئۆز ئېلىدە مەھبۇستەك كۆن كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار پۇقرالىق قەسىمى ۋە پارتىيىگە ساداقەت قەسىمىگە زورلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر چاغدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرىدا تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلمەي، ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالماي، پۇقرالىقتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىشى كۈچلۈك بىر سېلىشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدىكەن.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قۇددۇس ئاسىم ئەپەندى رادىيومىزغا تېلېفون قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن چەك-چېگرا ئايرىش شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىقتىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇددۇس ئاسىم بىر قانچە يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا توي خېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىنغان. يېقىنقى ئايلاردا يۈز بېرىۋاتقان قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىش، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرى ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرىگە قارشى ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.
قۇددۇس ئاسىم ئەپەندى، نۆۋەتتە چەتئەللەردە پۇقرالىق ھوقۇقى قوغدالماقتا يوق، ئىنسانىي ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىپ كېتىشنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ بۇندىن كېيىن ئۆزى باش بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا پاش قىلىدىكەن ۋە كىشىلەرنى نامايىش قىلىش، ھەر قايسى ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مەكتۇپ يوللاش، دۇنيادىكى خرىستىئان، ئىسلام، يەھۇدىي ۋە بۇددا دىنى تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلىدىكەن.
ئەسلىدە قۇددۇس ئاسىم ئەپەندى ئۆز ئىشى بىلەن تىنچ-خاتىرجەم ياشاشنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان ھەر كۈنلۈك شۇم خەۋەرلەر ئۇنى ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىكەن.
قۇددۇس ھەققانىيەت ئۈچۈن دەس تۇرۇشنى، ئادالەت ئۈچۈن مەيدانغا چىقىشنى ئىبادەت دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر خەلقىگە مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ پاسپورتىنى سۈكۈتتە كۆتۈرۈپ يۈرۈش زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە مەھبۇسلۇققا مەھكۇم قىلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكىگە قارشى پائالىيەتكە ئۆتكەن تۈركىيەدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر دەۋاگەر ئابدۇراخمان ھەسەنمۇ ئۆز ھەرىكىتىنى بىر ئىنسانىي بۇرچ، ئوغۇللۇق قەرز ۋە مۇسۇلمانلىق پەرز دەپ قارايدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا زىيالىيلار، دىنى زاتلار، سەنئەتكارلار ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. بازفىيد، بىرلەشمە ئاگېنتلىق، «ۋولسترىت ژۇرنىلى» قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇلغان. 2018-يىلى 25-يانۋار كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامالغانلارنىڭ سانى 800 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىسمەتلەرگە قارشى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار «مەشئەل گۇرۇپپىسى» نامىدا پائالىيەتكە ئۆتۈپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش چوڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇشقا باشلىغان بولسا، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر قەدەم، بىر ئاۋاز» دېگەن تېمىدا ھەرىكەت پىلانلاۋاتقان ئىدى. مۇشۇنداق پەيتتە ئابدۇراخمان ھەسەن ۋە قۇددۇس ئاسىمغا ئوخشاش دەۋاگەرلەرنىڭ زۇلۇمغا شاھىت بولۇپ مەيدانغا چىقىشى زىيالىيلارغا مەدەت بولماقتىكەن.