رابىيە قادىر خانىم «2012 - يىلىدىكى خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 500 مۇسۇلمان» نىڭ بىرى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.04.30
aling-kengesh-rabiye.jpg رابىيە خانىم "ئالىي كەڭەش" يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە
RFA

مەركىزى ئىئوردانىيىدىكى خان جەمەتى ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم باھالاپ ئېلان قىلىنىدىغان «خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 500مۇسۇلمان» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - سانىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، 2006 - يىلىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى ۋە يەنە رافتو مۇكاپاتى ساھىبى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.

رابىيە قادىر خانىم سىياسىي كاتېگورىيە بويىچە بۇ يىللىق 500 تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلماننىڭ ئىچىدە 49 ئورۇندا تۇرغان، شۇنداقلا ئۇ بۇ قاتاردىكى ساناقلىق ئايال زاتىنىڭ بىرىدۇر.

بىرىنچى ئورۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز ئال سەئۇد تۇرىدۇ. 500 داڭدار مۇسۇلمان قاتاردا يەنە دۇنيا بوكس پادىشاھى مۇھەممەد ئالى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ئابدۇللار گۈللەرنىڭ نامى كىرگۈزۈلگەن. رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتا، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي، دىنىي ئەركىنلىكى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم «بۇ مەن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادىكى 500 چوڭ مەسىلە قاتارىدا ئىسلام دۇنياسىدا تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ داۋايىمىزنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى دەسلەپكى نەتىجىسى، بۇ بىر باشلىنىش» دېدى.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.