رابىيخان مۇسا ئانا: ئەمدى يېلىنمايمەن، بوينۇمنى تىك تۇتۇپ ياشايمەن، ئانىلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!
5 يىلدىن بېرى دىدارىنى كۆرمىگەن كەنجى ئوغلى قۇربانجاننى كۆرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلگەن 82 ياشلىق رابىيخان ئانا ئاخبارات باياناتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-10-06 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
بورتالالىق رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ پاسپورت ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن رابىيخان ئانىدىن 5 كۈنلۈك سۈرۈك تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە شىكايەتلىرىنى توختىتىپ تۇرۇشنى بۇيرۇغان ساقچى خادىمى، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ساقچى باشلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى رابىيخان ئانىغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ پاسپورتىنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭغا جاۋابەن رابىيخان ئانا ئاخبارات باياناتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ چاغدا ساقچى خادىمى رابىيخان ئانىنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان، بۇنىڭغا قارىتا رابىيخان ئانا: «ئەمدى سىلەرگە يېلىنمايمەن، بوينۇمنى تىك تۇتۇپ ياشايمەن ۋە ماڭا ئوخشاش دەردمەن ئانىلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.