كۆزەتكۈچىلەر: «راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قاراتقان نىيىتىنى ئاشكارىلىدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تونۇلغان ئانتروپولوگ دوكتور راھىلە داۋۇت(ئوڭدا) ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتايشۇناسلىق بويىچە ياردەمچى پروفېسسور تىم گروس ئەپەندى ۋە خانىمى ئابىگاىل گروس بىلەن.
تونۇلغان ئانتروپولوگ دوكتور راھىلە داۋۇت(ئوڭدا) ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتايشۇناسلىق بويىچە ياردەمچى پروفېسسور تىم گروس ئەپەندى ۋە خانىمى ئابىگاىل گروس بىلەن.
Tim Grose ependi teminligen

10-ئاۋغۇست «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خەۋەر ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئانتروپولوگ راھىلە داۋۇتنىڭ 8 ئايدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇشبۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12‏-ئايدا ئائىلىسىدىكىلەرگە «بېيجىڭغا بارىمەن» دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن بېرى يوقاپ كەتكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۇنى «مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان» دەپ قارايدىكەن. راھىلە داۋۇت، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى، زىيالىيلىرىنى، ئەدىبلىرىنى، تەتقىقاتچىلىرىنى، سەنئەتكار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشقا ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر.

پروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مازار ۋە فولكلور ساھەسىدە خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ساھەدە نۇرغۇن تەتقىقات دوكلاتى، ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ «مازار تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلاردىكى مازارلارغا دائىر نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىدى.

راھىلە داۋۇتنىڭ غايىب قىلىۋېتىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىنى يېقىندىن بىلىدىغان چەتئەللىك ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇنى يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلاردىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تىمۇسىي گروس بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «بۇ خەۋەر مېنى ھەقىقەتەنمۇ بەك ھەيران قالدۇردى. چۈنكى راھىلە خانىم قانداقتۇر دىنى ئاشقۇنلۇقنى ياكى بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان بىرى ئەمەس. ئۇ شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ياكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ باققان ئەمەس. ئۇ پەقەت خىتاي مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇتۇق قازانغان، ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە بىلىم ئالغان، ئۆزىنىڭ نەتىجىلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن، ئائىلىسى ۋە خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن بىر كىشى ئىدى» دېدى.

پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئۇلار، ئۆز بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، سۆزلەش ئەركىنلىكى، ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان بېسىمىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى راھىلە داۋۇتنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆز نىيىتىنى خەلقئاراغا ئېنىق ئاشكارىلاپ بەردى»، دېدى.

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «مەدەنىيەت بايلىقلىرى خەۋىرى» ژۇرنىلى «يوق قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت : خىتاي ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمى جۈملىدىن راھىلە داۋۇتنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشى مىسال كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە راھىلە داۋۇت تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قوزغاشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئىشارەتلەر بار. گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تېررورچىلار ۋە رادىكال ئەسەبىيلەرنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ھۆرمەتكە سازاۋەر تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىنمۇ بەك ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئىش بولمىسا كېرەك» دەپ يازغان.

دوكتور تىمۇسىي گروسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2010-2011-يىللىرى ئارىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا راھىلە مۇئەللىم بىلەن تونۇشقان بولۇپ، راھىلە مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئاق-كۆڭۈللۈكى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئىكەن. تىمۇسىي ئەپەندى راھىلە خانىمنىڭ ناھايىتى ئۇستا بىر دىپلومات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە ئەڭ قايىل بولغانلىقىنى ئېيتىپ، «ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى خىتايدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆز تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك»، دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راھىلە مۇئەللىمنىڭ ناھايىتى ئۇستا بىر دىپلوماتلىقى مېنى ئەڭ قايىل قىلغان ئىدى. ئۇ دىپلوماتىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىرى. ئۇ مەيلى مەكتەپ پارتىيە سېكرېتارلىرى بولسۇن، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، خىتاي ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن كىم بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى، قانداق قىلغاندا قارشى تەرەپنى خاپا قىلىپ قويماي تۇرۇپ سۆزلىشىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى ئىدى. ئۇ ھالدا بۇ يەردە راھىلە مۇئەللىم نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلاندى؟ دېگەن سوئال چىقىدۇ. مەنچە، بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «سەزگۈر» دەپ ئاتايدىغان كاتېگورىيەگە كىرىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى، ئۇنى ساقلاپ قېلىشنى مەركىزى نۇقتا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدايمەن دېگەن كىشى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە راھىلە داۋۇت چەتئەللەردىكى يىغىنلارغا كۆپلەپ بېرىپ ئۆزىنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىنى تونۇشتۇراتتى. چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلاتتى. شۇڭا يۇقىرىدىكىلەرنى مەن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە پېتىشىدىكى ئىككى چوڭ ئامىل بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن».

يېقىندا، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار بىرلىكتە مەخسۇس راھىلە داۋۇتنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ھەققىدە بىر ئىمزا قويۇش پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، ئىمزا خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە داۋۇتنى ئازاد قىلىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىنى داۋام قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئىلمىي خادىملار، يازغۇچى، شائىر، زىيالىي، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئەزىز ئەيسا ۋە تىمۇسىي گروس ئەپەندىلەرمۇ راھىلە داۋۇت قاتارلىق لاگېرلاردا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

تولۇق بەت