خىتاي مۇستەبىتلىكىنىڭ ياش قۇربانلىرى - دوكتور ساجىدە تۇرسۇن
2019.01.17
مەن ساجىدەنى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى گېرمانىيە گۆتتىنڭېن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۇچرىشىشى» ناملىق كۆلىمى كىچىك، ئەمما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يىغىندا ئۇچراتقان ئىدىم.
مەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى قوليازمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش باسقۇچىغا كەلگىنىمدە ئارقا رەتتە ئولتۇرغان قارا چاچلىق ئورۇققىنا بىر قىز ئورنىدىن تۇرۇپ تولىمۇ ئەدەپ بىلەن سورىدى: «كەچۈرىسىز، مەن كىچىكىمدىن خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزىمەن. بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ، يۇرتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە سۇنۇلغان بىر بىرىدىن قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولدۇم ۋە تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتلەردە تولىمۇ ئاز نەرسە بىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ خىجىل بولدۇم…»
قىزنىڭ ئەدەپ يۈزىسىدىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزىدىنمۇ كۆپرەك مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، قىزنىڭ راۋان ئىنگلىزچىسى بولدى. قىزنىڭ چىرايىنى كۆرمىگەن بولسام قىزنىڭ ئانا تىلى ئىنگلىزچە بولغان بىرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساجىدە ئىسىملىك بۇ قىز بىلەن يەنە بىر ئاز سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىمىز بولدى. قىزنىڭ تۇغۇلغان يېرى قاغىلىق ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى تاماملىغان بۇ قىز شۇ يىلنىڭ بېشىدا گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيەتلىرىدىن ماكس-پىلانىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دوكتورلۇق ماقالىسىنى «شاڭخەيدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى» دېگەن تېمىدا يېزىۋاتقان ئىكەن.
شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن بۇ قىز ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. 2015-ۋە 2016-يىللىرى ساجىدەنى بىر نەچچە قېتىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسى ئىچىدىكى ئايرىمخانىسىدا كىتابلار ئىچىدە كۆمۈلۈپ ئولتۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئىشلەۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم. ئۇ ئۆيىمىزگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە يۇرتقا قايتىپ بېرىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئورنىدىن قىمىرلىيالماي يېتىۋاتقان، پۈتۈن بەدىنى پالەچ دادىسىنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ئۇ كەسكىن قىلىپ، «كەچۈرىسىز، مەن سىياسىي سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېگەن ئىدى.
ئالدىنقى يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنى ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىدا يەنە ئۇچراتتىم. ئۆتكەن قېتىم ئۇچراتقىنىمدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئۇرۇقلاپ قالغانىدى. خېلىلا ئىششىپ قالغان ئوڭ مەڭزىنى سۆز ئارىلىقىدا ئاستا تۇتۇشىدىن سۆزلەشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىنى بولاتتى. «قارىمامسىز ئاكا، ئىمتىھانىمنى بېرىۋېلىپ، بىراقلا تويغا لايىق داۋالىتاي دېسەم بۇ چىشلىرىم ماقۇل كۆرمەيۋاتىدۇ. ئىمتىھاندىن بۇرۇن بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلىۋېلىشنىمۇ ئويلاپ تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەۋاتىمەن،» دېدى ئۇ مېنىڭ دىققەت قىلغىنىمنى بىلىپ.
نورۇز بايرىمى كۈنى ساجىدە تېلېفون بېرىپ بايرىمىمىزنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن ئاۋازىنى بىرئاز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «ئاكا، ماقالەمنى تاپشۇردۇم. ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ۋاقىتمۇ بېكىتىلدى. ئىمتىھان 6-ئايدا ئۇترېخت ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولماقچى،» دېدى ئۇ.
ساجىدە ئىمتىھانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن گۆتتىنگېندە يەنە ئۇچراشتۇق. ئۇ ماڭا «مەن يۇرتقا قايتىپ ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كەلمەكچى بولۇۋاتىمەن. يۇرتتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاپ ئەنسىرەپمۇ قېلىۋاتىمەن،» دېدى. مەن ئۇنى بارماسلىققا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم. ساجىدە قول تېلېفونىدىن بىر رەسىمنى ماڭا كۆرسەتتى. رەسىمدە 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر سۆڭەك بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بىر كىشى سوزۇلۇپ ياتاتتى. «ئاكا، بۇ مېنىڭ دادام. ئون نەچچە يىل بۇرۇن دادام تېخى سۆزلىيەلەيدىغان ۋاقىتلىرىدا ‹دادا قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ قاچان ساقىيىپ كېتىسەن؟› دەپ سورىغىنىمدا ‹سەن چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگىنىڭدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سېنى كۈتۈۋالىمەن،› دېگەنىدى. مەن دادامنى ساقايتىش ئۈچۈن بارمىسام بولمايدۇ» دېدى ئۇ تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ.
نېمە دەپ تەسەللى ۋە مەسلىھەت بېرىشىمنى بىلەلمىدىم. ئامالسىز ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ خوشلاشتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا بىر تونۇشىمىزدىن ئۇنىڭ شۇ قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چۈشىشى بىلەنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇرتى قاغىلىققا يۆتكەپ جازا لاگېرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
ساجىدە 2017-يىلى يۇرتقا قايتىپ 3 ئايدىن كېيىن يىللارچە ئۇنى كۈتكەن دادىسى ئەمدىلىكتە ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان قاراڭغا ئۆيدە يېتىۋاتقان قىزىنى ئارتۇقچە كۈتەلمەپتۇ. دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنماپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇنچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئۇنىڭ ھېچ خەۋىرىنى ئالغىلى بولمىدى.
يېقىندا بىردىنلا ماكس-پلانك ئىنستىتۇتىغا تېلېفون بېرىپ سىناپ بېقىش ئەقلىمگە كەلدى. ھازىر ساجىدەنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان بىر خىزمەتدىشىنى تېپىشىم ئانچە قىيىن بولمىدى. ئەمما ئۇ ساجىدەگە يەنە بىر ئاۋارىچىلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىمىكىن، سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن مېنىڭ كىملىكىمنى ئالاھىدە سۈرۈشتۈردى. مەن ساجىدە ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمنى بىر قۇر بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىنلا، ساجىدە ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردى.
مۇخبىر: ساجىدە ھەققىدە بىلىمەن. ئۇنىڭ يۇرتتا قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋىرىم بار. ئەمما ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىز يېقىندا …
تەتقىقاتچى: ئۇ تېخىچە خىتايدا.
مۇخبىر: ئۇ توغرىلىق بىرەر يېڭىلىق ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
تەتقىقاتچى: ھە-ئە، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى.
مۇخبىر: ئۇ يەنىلا شۇ جازا لاگېرىدا يېتىۋېتىپتىمۇ ياكى قويۇپ بېرىلىپتىمۇ؟
تەتقىقاتچى: ياق. ئۇ داۋاملىق شۇ يەردە ئىكەن. مەنمۇ ئېنىق چۈشەنمىدىم. … داۋاملىق شۇ يەردە. ئۇ بەزى كۈنلىرى قىسقا ۋاقىتلىق سىرتقا چىقالايدىكەن. ئەمما يەنىلا شۇ يەردە ئىكەن.
مۇخبىر: كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئېلخەت ياكى باشقىچە بىر ئۇسۇل بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىڭىز بولدىمۇ؟
تەتقىقاتچى: شۇنداق. ئۇنىڭ بىر خىزمەت ئورنىغا ئىلتىماس قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، يۈننەندىكى بىر ئورۇنغا ئىلتىماس قىلىپتۇ ۋە ئۇ يەردىن بىر چاقىرىق تاپشۇرۇۋاپتۇ. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىغا يوق قويماپتۇ. مەنمۇ ئېلخەتتىن ئۇ تەكلىپنامىنى كۆردۈم. ئەمما ئۇنىڭ بېرىشىغا يول قويۇلماپتۇ. مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم. زادى نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئېلخەت ئارقىلىق ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى گۇۋاھنامىسىنى ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىپ بەردىم.
پروگراممىمىزنىڭ باش قەھرىمانى دوكتور ساجىدە تۇرسۇن 1986-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئەسلىدە بىڭتۇەننىڭ بىر خىزمەتچىسى بولغان دادىسى خىزمەت جەريانىدا ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، ئەسلى يۇرتى قاغىلىققا كۆچكەن ئىكەن. كىچىكىدىن خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ساجىدە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي-شىمال مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مىللەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 2009-يىلى 4-ئايدا «ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈشى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2013-يىلى گېرمانىيەدىكى مەشھۇر تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ماكس-پلانك ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 2016-يىلى «جىنس، مىللەت ۋە دىن: شاڭخەيدىكى ئۇيغۇر ئارزۇسىنى چۈشىنىش» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى بىلەن ئانتروپولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ساجىدە يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە چىقىش ئالدىدا تەيۋەندىكى جاڭ جىڭگو فوندىنىڭ دوكتور-ئاشتى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «خىتايدىكى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ھەققىدە تەتقىقات» تېمىسىدىكى تەتقىقاتىنى باشلىغان ئىكەن.