شىۋېتسىيەدىكى دىنىي زاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كوللكىتىپ ساقال چۇشۇرۈشكە زورلاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2014.11.10
uyghur-saqal-305 مەسجىتتىكى ئۇيغۇرلار 15-ئۆتەبىر 2006 قەشقەر
AFP


خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، قەشقەر شەھىرى يېڭىئوستەڭ يېزىسىدا 45 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى چۇشۇرگەنلىك توغرىسدا خەۋەر تارقالغان ئىدى.

خەۋەر تەپسىلاتىدا 11 - ئاينىڭ 6 - كۇنى قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى توقاي ئېرىق كەنت مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇراپ باراتنىڭ خىتاي مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ«ساقال قويۇش بىلەن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دېگەنلىكىنى، يىگىتلەرنىڭ ساقال قويۇشى مىللىي ئەنئەنىگىمۇ، ئىسلامىيەتكىمۇ زىت بولغان ئىش - ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، كەنتتە ھازىرغىچە 45 نەپەر ئۇيغۇر ساقالىنى چۇشۇرۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئۈلگە ياراتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زات ئابدۇللا ئەھەدنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇللا ئەھەد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى. ئۇ، زالىمنىڭ ئالدىدا ھەق مەيداندا تۇرۇشنىڭ ئۆزى، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقاندىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.