خىتاي شاۋگۈەندىكى ۋەقەدىن دەرس ئالمىدىمۇ؟

0:00 / 0:00


بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا 500 گە يېقىن ياش ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ كېلەچەك 3 يىل ئىچىدە يۆتكىلىدىغان 5000 نەپەر ئەمگەك كۈچىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاۋگۈەندىكى پاجىئەلىك ۋەقەدىن ساۋاق ئالماي، بۇ سىياسىتىنى داۋام قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21 - ئەسىىردە ئاسسىملىياتسىيە ئارقىلىق بىر مىللەتنى يوقىتىش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 3 - نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدىن بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئىختىيارسىز ھالدا كىشىلەرگە 2009 - يىلىدىكى شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئەسلەتتى. شاۋگۈەن ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىگە ئۇيغۇر ياشلارنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسى ۋە شۇنداقلا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى.

2009 - - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، زاۋۇتتىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىنىڭ تاياق - توقمىقى، تىل - ئاھانىتىگە ۋە رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردا ۋەقەنىڭ مىللىي كەمسىتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارا بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بۇنىڭغا بىرىسىنىڭ توردا «ئۇيغۇر ئىشچىلار خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان «ئۇقۇشماسلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن بولغان ھاشىمجان ئەمەت، سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچى ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتە قىلمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەنى ۋاقتىدا، ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا بولغان نارازىلىق پىكىرلىرى قاتتىق ئۇلغىيىپ، زور جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان ۋە ئاخىرى - 5 ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان.

نامايىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشىغا تەرەققىي قىلدى، ئاخىرى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار بولسا شياۋگۇەن ۋەقەسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بىراق، مانا مۇشۇنداق زور پاجىئە ۋە زور چىقىمدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەھەل تىنجىپ قالغان بۇ سىياسىتىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاسسىملىياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش يوليورۇقى بەرگەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ھازىر تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق بۇ يوليورۇقنى ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلغان ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ئالاھىدە قىلىپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئارىلىشىپ ئۆتۈشىنى، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆز - ئارا ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش چاقىرىقى قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تويلاشقانلارنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغان سىياسەتلەر ئېلان قىلىندى. يېقىندىن بۇيان يەنە، بولۇپمۇ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغان ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىشىنى ئوچۇق - ئاشكارا چەكلەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى دىنغا ئىشەنمەسلىككە ۋەدە بەرگۈزۈپ ئىمزا يىغدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەقەت ئاسسىملىياتسىيە قىلىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىردىن - بىر ئىستراتېگىيىسى بولۇپ قالغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشتى. بىراق ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ سىياسەتنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئىمپېرىيالىست كۈچلەر تەرىپىدىن 18 - ئەسىرلەردىلا يولغا قويۇلۇپ، سىنىلىپ ۋە ئاخىرى مەغلۇپ بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ 21 - ئەسىردە تېخىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.