خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شېكەر سېتىۋېلىشىغا چەكلىمە قويغان
2018.10.04
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا چىقارغان بەزى كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش جەھەتلەردىكى چەكلىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر قۇلايسىزلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىندا رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بىرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان قاتتىق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «شېكەر سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئاچقان مىللىيچە تاتلىق-تۇرۇم دۇكىنىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.
ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار دۇكانلاردىن ئاق شېكەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىملىكىنى كۆرسىتىشى ۋە شېكەرنى نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىلتىماسىغا ساقچى پونكىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئائىلىسىدە بىرەرى لاگېرغا كىرگەنلەر ياكى كىملىكىگە قارا چېكىت ئۇرۇلغانلار بولۇپ قالسا، ئۇلارغا بىردەك شېكەر سېتىپ بېرىلمەيدىكەن.
دائىرىلەر بۇ ھەقتە پارچە ۋە توپ سېتىش بازارلىرىغا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ خىل چەكلىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ۋە بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.
بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ شېكەر سېتىۋېلىشقا بۇ قەدەر قاتتىق چەكلىمە قويۇشى ئىستېمالچىلارنىڭ شېكەردىن پايدىلىنىپ خىمىيەلىك بومبا ياكى پارتلاتقۇچ بومبا ياساش ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتايدا چىقىدىغان بەزى ئاممىۋى تورلاردىكى خىتاي تور كېزەرلىرىنىڭ قىسمەن ئىنكاسلىرىدىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىستېمالچىلارنىڭ شېكەر سېتىۋېلىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ھەيرانلىق ۋە غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى تەييار يېمەكلىكلەر توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ شېكەرنى توپ ۋە پارچە سېتىش دۇكانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بىر خىتاي دۇكاندار سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
- دۇكىنىڭىزدا ئاق شېكەر سېتىلامدۇ؟
- شۇنداق، شېكەر بار.
- شېكەر سېلىۋېلىش ئۈچۈن ھازىرمۇ كىملىك ۋە ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى كېرەكمۇ؟
-شۇنداق، كىملىك ۋە ئىسپات خېتى بولۇشى شەرت.
- قانچىلىك سېتىۋېلىشقا بولىدۇ؟
- سېتىۋاتقىنىمىز ھەممىسى پارچە شېكەر، ھەممىسى پارچە-پارچە قىلىنىپ خالتىغا قاچىلانغان. بىرىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يۈز گرام شېكەر بار. باھاسى 5-6 يۈەن ياكى 7-8 يۈەن ئەتراپىدا. ئىشقىلىپ، مەن توپ ساتقانلارنى كۆرمىدىم. ئەگەردە مەھەللە كومىتېتىنىڭ رۇخسىتى بار بولسا قانداقكىن؟
- دائىرىلەرنىڭ شېكەر سېتىۋېلىشقا چەكلىمە قويۇشنىڭ سەۋەبى نىمىدۇر؟
- ئۇنى مەنمۇ بىلمىدىم. شېكەر دېگەن كۈندىلىك يېمەكلىك، ئىستېمالدا مۇھىم نەرسە. ئۇنى چەكلىسە جىق قۇلايسىزلىق بولىدۇ. ھەتتا كۈندە تاماقتا قورۇمىلارغىمۇ شېكەر ئىشلىتىلىدىغان تۇرسا، مەنمۇ چۈشەنمىدىم.
بىز ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، شېكەر سېتىۋېلىش چەكلىمىسى چىقىرىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇ چەكلىمىنىڭ قاچانغىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.
«شىنجاڭ ئۇچۇر تورى»، «بازار تورى» قاتارلىق تورلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شېكەرگە ئەڭ زور ئېھتىياجلىق بولغان يېمەك-ئىچمەك كەسىپلىرىدىن «مىللىيچە تاتلىق-تۇرۇم دۇكانلىرى» نامىدا تىزىمغا ئېلىنغان دۇكانلاردىن ئۈرۈمچىدە 942 سى، غۇلجىدا 175، كورلىدا 136، سانجىدا 116، ئاقسۇدا 114، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدا جەمئىي 110 دۇكان بار ئىكەن. توردا بۇ دۇكانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى كىرگۈزۈلمىگەن، بەزىلىرىگە بولسا «تاقالدى» دەپ يېزىپ قويۇلغان. قەشقەردىكى تاتلىق-تۇرۇم دۇكانلىرىدىن پەقەت غەربچە تورت دۇكىنىغا تېلېفون ئۇلاندى.
دۇكاندار بۇ تورت دۇكىنىنىڭ كۈندە كەچ سائەت 10 دا تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن شېكەر سېتىۋېلىش مىقدارىغا چەكلىمە قويۇلغاندىن كېيىن دۇكىنىغا تەسىرى بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەيرانلىق بىلەن، « نەدە چەكلەيدۇ، شېكەرنى سېتىۋاتمامدۇ، مەن ھېچقاچان شېكەر سېتىۋېلىشتا چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ خىتاي دۇكاندارنىڭ بايانى بىزگە خىتاي خېرىدارلارنىڭ شېكەر سېتىۋېلىشىدا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان شېكەر سېتىۋېلىش چەكلىمىسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
شېكەر يېمەك-ئىچمەك تۇرلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق تەركىب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ شېكەرنى خۇرۇچ قىلىدىغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا ۋە يەككە ئىگىلىكىگە يەنە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىمىز.