ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى 24-25 سېنتەبىر كۈنلىرى ئاقسارايدا كۈتۈۋالماقچى. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت ئاكتىپلىرى بىرلىكتە، بۈگۈن يەنى 16-سېنتەبىر ئاقساراي ئالدىغا يىغىلىپ، بىرلىكتە شى جىنپىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا زىيارىتىگە قارشى مەتبۇئات باياناتى يىغىنى ئاچتى ھەمدە پرېزىدېنت ئوبامادىن شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كۈتىدىغانلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نارازىلىق پائالىيەتلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئاخىرىلاشقانغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلانماي تۇرۇپلا ئاقسارايغا ئۇنىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن باشلانغان، ۋاشىنگتوندىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى يېقىنلاشقان بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلمەكتە. بۇ نۆۋەت شى جىنپىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە ۋاشىنگتوندا تۇنجى رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئالاھىدە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.
16-سېنتەبىر چارشەنبە، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراينىڭ ئالدىدا، ۋاشىنگتوندا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن، موڭغۇل، فالۇنگوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈش 12 دىن 1-گىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەتبۇئات يىغىنىنى، تىبەت ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ۋە تىبەت ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىپ بايانات بېرىپ خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى ۋە پرېزىدېنت ئوباماغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتور سۈپىتىدە ئاقسارايدا مېھماندا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئوبامادىن ئۇنىڭغا بۇ شەرەپنى بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى ۋە ئوباما ھەمدە شى جىنپىڭغا قويىدىغان تەلەپلىرىنى بايان قىلدى.
بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ھەمدە شۇنداقلا پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئاساسلىق گېزىت، ژۇرنال ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئاقساراي ئالدىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ بايانات بەرگەن ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، باياناتىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامىدىن شى جىنپىڭدىن بىردەك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى، ئىلھام توختى باشلىق بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ھەمدە سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ ھەقسىز سولانغان بارلىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش ۋە قانۇنسىز جازالاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، پرېزىدېنت ئوبامانى ئۇچرىشىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلىپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ ئاقساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مەتبۇئات بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت يۈگۈزۈشكە باشلىغان ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا، تەخمىنەن 800 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم، بۇ سان بۇنىڭدىنمۇ جىق بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز بولسا، ئوبامانىڭ رەسمىي ئوچۇق -ئاشكارا شەكىلدە شى جىنپىڭدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باشتۇرۇشىنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش.»
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى داۋامىدا يەنە نۇرغۇن كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق نارازىلىق پائالىيەتلىرى بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلارغا ۋەكىل بولۇپ بۈگۈن ئاقساراي ئالدىدا مەتبۇئاتقا بايانات بەرگەن پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ياڭ جيەنلى ئەپەندى مۇنداق دېدى : «بىز ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتىغا ئورتاق ئاۋازىمىزنى ئاڭلاتتۇق، ئارقا كۆرۈنۈشىمىز، تىلىمىز ئوخشىمىسىمۇ، بىز ئوخشاشلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئاۋازى. بىزنىڭ مۇشۇنداق بىر پەيتتە بەرگەن بۈگۈنكى ئاخبارات باياناتىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان، خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تېخىمۇ قاتتىق دەخلى -تەرۇزغا ئۇچراپ كەلمەكتە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى پۇقرالارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلماقتا. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىمۇ كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ زۇلۇملىرى، باستۇرۇشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك ئىدى، بولۇپمۇ ئەركىنلىك ئەلچىسى بولغان ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا ئامېرىكىدەك دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى ئەركىن دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوبامانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بولغان كۆزىتىش ۋە ئىنكاسى ئىنتايىن پاسسىپ بولۇپ كەلدى، ئوباما مۇشۇنداق سۈكۈتتە تۇرۇۋېرىدىكەن، دىپلوماتىيەسىدە يەنىلا مۇشۇنداق ئاشكارا بولمايدىكەن، بۇ خىتايدا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىپلا قالماي، ئامېرىكا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەنمۇ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئوبامانى ئېزىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇشىقا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي دىپلوماتىيىسىنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشقا چاقىرىمىز.