شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.07.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shiwetsiye-5-iyul-namayish-parlament-1.jpg

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، سىتوكھولم. RFA/Éhsan

shiwetsiye-5-iyul-namayish-parlament-2.jpg

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، شىۋېتسىيە. RFA/Éhsan

shiwetsiye-5-iyul-namayish-parlament-3.jpg

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، سىتوكھولم. RFA/Éhsan

shiwetsiye-5-iyul-namayish-parlament-4.jpg

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، سىتوكھولم. RFA/Éhsan

shiwetsiye-5-iyul-namayish-parlament-5.jpg

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشتا يەرلىك ئاھالىلەر سۈرەتلىك تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كۆرمەكتە. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، سىتوكھولم. RFA/Éhsan

shiwetsiye-5-iyul-namayish-elchixana.jpg

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، شىۋېتسىيە. RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-ئىيۇل شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرىلغان بىر پارچە خەتنى خىتاي ئەلچىلىكىگە تاپشۇردى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، سىتوكھولم ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 50 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر نامايىش، شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دە شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا باشلاندى. نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ۋە «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، «تېررورىست خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ كوچىدا ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. نامايىش جەريانىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن شۋېدچە يېزىلغان بايانات ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يېتىپ بارغان نامايىشچىلار، ياڭراتقۇ ئارقىلىق شوئار توۋلاش ۋە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەھەت نامايىشنىڭ جەرياننى ئاڭلاتتى.

نامايىشقا قاتناشقان نامايىشچىلاردىن تاھىر ئەپەندىم ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى ئىپادە قىلدى.

شىۋېتسىيەدىكى زىيالىيلاردىن ئابباس ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق خاتىرىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىش تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىكى شېھىتلارغا ئاتاپ قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.