‏شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ نامايىشىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى 9- ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ مەركىزى سېرگېل مەيدانىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىغا قارشى نارازىلىق نامايىش قىلدى.

نامايىش مەيدانى ئەزەرى، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە تۈرلۈك لوزۇنكىلار بىلەن تولغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئەزەربەيجاننىڭ دۆلەت شېئىرى ۋە مىللىي مارشىنى ئوقۇدى. ئەرمەنلەرنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەيىبلەپ شوئارلار توۋلىدى ۋە باياناتلار ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى نامايىش شىۋېتسىيە «تۈرك ئىشچىلار فېدراتسىيۇنى»، «ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى»، «ئەزەربەيجان فېدراتسىيۇنى»، «جەنۇبىي ئەزەربەيجان ئىستىقلال پارتىيىسى»، «ئىراق تۈركمەن فېدراتسىيۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شىۋېتسىيەنىڭ يىراق ‏- يېقىن شەھەرلىرىدىن كەلگەن 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

نامايىشنى تەشكىللىگەن ئەزەربەيجان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئابدۇسەمەت ئەپەندى نامايىش مەيدانىغا كېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە بولغان تۈرك سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان ھەرقايسى تەشكىلات باشلىقلىرى ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ھەر ۋاقىت ئىشغالچىغا قارشى مەزلۇملار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجاننىڭ تۇپرىقىنىڭ 20% ئى ئەرمېنىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئىككى تەرەپ چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى تەرەپتىن كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئىدى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تۈرك جەمئىيەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۈرسۇن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ نامايىش مەيدانىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، ئىشغالغا، زالىمغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىگە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئابباس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەزەربەيجانغا ئوخشاش قېرىنداشلارنىڭ بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 13:00 دە باشلىنىپ، 15:00 دە ئاخىرلاشتى.