ئامېرىكىلىق يازغۇچى: قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.12.11
lawalley-xanim-tal-sewet-6.jpg «تال سېۋەت» رومانىنىڭ ئاپتورى جوساننا لاۋاللېي خانىم(سولدا) بىلەن روماننىڭ تەھرىرى دىناش ستېۋېنسون خانىم كىتاب تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا.
Suretni Josanna Lawalléy xanim teminligen


ئامېرىكىلىق يازغۇچى لاۋاللېي خانىم «تال سېۋەت» رومانىنىڭ شەھەر تۇرمۇشىغا ئەمەس، بەلكى يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان رومان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، روماننىڭ يېزىلىشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر قاتار ۋەقەلەر، شۇنداقلا روماندىكى پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ روماندىكى باش قەھرىمان مېھرىگۈلنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھەرقاچان ئويلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ خوتەندە زىيارەتتە بولۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللارنى ئۆگىنىش ۋە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، شۇ ئارقىلىق روماننى ئىمكان بار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئاللىقنى چىنلىق تەسۋىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالدا ئىپادىلەپ بېرىش مەقسىتىگە يېتىشكە تىرىشقان. پۈتكۈل جەرياندا روماندىكى باش پېرسوناژ مېھرىگۈل ئۇنىڭ خاتىرىسىدىن، شۇنداقلا كۆز ئۆڭىدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى بولمىغان. جۈملىدىن يېزىلاردا نامراتلىق ۋە بېكىك ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئىسكەنجىسىدە تېپىرلاۋاتقان ساددا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر دائىم ئۇنىڭ قەلب خاتىرىسىنى چالغىتىپ كەلگەن. بىز ئۇنىڭدىن «ئەگەر مېھرىگۈل مۇشۇ مىنۇتلاردا بىزنىڭ يېنىمىزدا بولغان بولسا ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش كەلگەن لاۋاللېي خانىم ئۆزى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن روماننى يېزىپ چىقىش ۋە ئۇنى نەشر قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا ساياھەتكە بېرىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مۇمكىن بولسا باش قەھرىمان مېھرىگۈلنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇماتلىق بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھازىر قانداقراق تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەن كەتكەندىن كېيىن زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار. ئۇنىڭ قانداق بولۇپ مېنىڭ جىسمىم ۋە روھۇم بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى ماڭىمۇ قاراڭغۇ. چۈنكى خوتەندىكى ياشلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى، ئۇلارنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى ماڭا ھەرھالدا روشەن ھالدا مەلۇملۇق. ئۇلارنىڭ تىنچلىق شەكىلدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەنلىكى ۋە كوچىغا چىققاندا خىتايلارنىڭ ئۇلارغا ئوق ئاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ باشقا جايلارغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىمۇ مەن ئۈچۈن سىر ئەمەس. شۇڭا راستىنى دېسەم مېھرىگۈلنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار. ئۇنىڭ بەختلىك ۋە غەم - ئەندىشىسىز ياشاۋاتقان بولۇشىنى، داۋاملىق مەكتەپكە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ سېۋەتلەرنى توقۇيالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

رومان ۋەقەلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەدەبىياتىدىكى دائىملىق تېمىلاردىن بولغان يېزا تۇرمۇشىنى ئاساس قىلغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر روماننىڭ مۇشۇ تېما بويىچە چەتئەلدە يېزىلغان ۋە ئېلان قىلىنغان تۇنجى رومان ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمىزدا لاۋاللېي خانىم بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. روماننىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش ئېھتىماللىقى، شۇنداقلا مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىش خىزمىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋاللېي خانىم مۇنداق دېدى: «مەن روماننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئەگەر سىز روماننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىسىڭىز، مەن مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىمەن. ئەمما نەشر ھوقۇقى مەسىلىسىنى قانداق بىر ياقلىق قىلىشقا دائىر ئىشلارنى ئانچە تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن مەن ئۇيغۇرچە تەرجىمانغا بۇ جەھەتتە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن. ھازىر بۇ رومان كورېيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، مۇشۇ تەرجىمە نۇسخىسى رومانىمنىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغان چەتئەل تىلىدىكى تۇنجى تەرجىمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر رومان شۇ قاتاردا ئۇيغۇر تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىش بولاتتى. دەرۋەقە، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش - خېلى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت، ئەلۋەتتە.»

بىز ئۇنىڭدىن يەنە ئۇيغۇرلارغا ئائىت باشقا ئەسەر يېزىش خىيالىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىق مۇشۇ ھەقتە ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مېھرىگۈلگە ئوخشىغان يۈزلىگەن يېزا قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئايرىلىپ، مەجبۇرىي يوسۇندا ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىككىنچى رومانىنى نەشرىياتقا تاپشۇرغانلىقىدىن ئۇچۇر بەردى.

لاۋاللېي خانىم: «يېڭى رومانىم نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا «زاۋۇت قىزى» دەپ ماۋزۇ قويدۇم. بۇ پۈتۈنلەي باشقا جايدىكى، باشقا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سەرگۈزەشتى. ئۇ قىز ئىچكىرىدىكى جەنۇبىي خىتاي شەھەرلىرىدىكى بىر زاۋۇتقا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن. بۇ رومان كېلەر يىلى نەشردىن چىقىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولىدۇ. سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا مەندەك بىر مەزلۇمنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان دائىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار. يەنە بىر ياقتىن مەن تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ياشلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىمەن. مېنىڭچە مۇشۇنداق قىلىش تولىمۇ مۇھىم.»

بىز ئاخىرىدا جوساننې لاۋاللېي خانىمغا خاتىرجەملىك، سالامەتلىك ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يېڭى ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.