گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى، ئاكتىيور ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئالاقىدار بىر فىلىمنىڭ پىلانى بىلەن يېقىندا تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىگە بېرىپ، بىر ھەپتە تۇرۇپ قالغان.
بۇ جەرياندا باڭكوكتىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىنى زىيارەت قىلغان ۋە باڭكوكتىكى پارتلىتىش ئەنزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ ھازىرغا قەدەر باڭكوك تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتىغا قاتناشقان ۋە مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆرگەنلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى ئۆزىنىڭ تايلاند سەپىرى توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئالاقىدار بىر فىلىمنىڭ ئېھتىياجى بىلەن 2016-يىلى 10-ماي تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىگە بارغانلىقىنى، شۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن باڭكوكتىكى مۇساپىرلارنى يېغىۋېلىش ئورنىغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى، كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، باڭكوكتىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى دەپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ 2-قېتىملىق سوتلىنىش ئەھۋالىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ۋەتەنداشلىرىغا يوللىغان سالىمىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار جىنايى پاكىتلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىغا باقماي، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە تۈرمىدە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا يەنە قانچىلىك خارلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى توغرىلىق بىر نەرسە دېيىش تېخى بالدۇر ئىكەن.