تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى جازالاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.06.03
tayland-musapir-xet.jpg تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا يوللىغان خېتى.
Photo: RFA

تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تايلاند دائىرىلىرى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى جازالاشقا باشلىغان. بىزگە كەلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، كەم دېگەن بىر ئۇيغۇر تاماق تاشلاشتىن كېلىپ چىققان ھالسىراشتا ھوشىدىن كەتكەن، ئەمما ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىشنىڭ ئورنىغا جازا ئۆيىگە قامالغان.

2014- يىلى مارتتىن بۇيان تايلاندتا «تۈرك پۇقراسى» سالاھىيىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئالدىنقى كۈنى رادىيومىز ئارقىلىق جاكارلىغان مۇراجىئەتنامىسىدە تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نىدا-ئارزۇسى جاۋابقا ئېرىشمىگىچە 31- مايدىن باشلاپ تاماق يېيىشنى ئىزچىل رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاچلىق ئېلان قىلىش بۈگۈن 4- كۈنىگە قەدەم قويدى. پەيشەنبە كۈنى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، قاماق دائىرىلىرى تۇتقۇنلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئۇيغۇرنى ئايرىم كامىرىغا سولىغان بولسا، قالغانلىرىنى ئىككى ياتاققا بۆلۈپ قامىغان.

ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان بىر تۇتقۇن بىزگە ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى ۋە نام-شەرىپىنى يوشۇرۇن تۇتۇشىمىزنى تاپىلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن كۆرگەن ۋە ئۇلارنى ئايرىم كامىرىغا يالغۇز قامىغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «29 تۈرك بار بۇ يەردە ھازىر، 29 نىڭ ئىچىدە ئىككى بۇرادەر ئىنگلىز تىلىغا پىششىقراق. بىرى بىز تۇرغان ياتاقتا، يەنە بىرى يەنە بىر ياتاقتا ئىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن بۇلارنىڭ بىرى 7- ياتاققا، يەنە بىر 6- ياتاققا ئايرىم قامالدى.»

تايلاند تۈرمىسىدىكى «تۈرك» تۇتقۇنلارنىڭ سانى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس

2014-يىلى مارتتا ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، كېيىن بۇلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى 2015- يىلى 1- ئىيۇل 173 تۇتقۇننى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول بەرگەن. ھالبۇكى، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە يەنى 9- ئىيۇل 109 كىشىنىڭ كىملىكىنى خىتاي تەۋەلىكىدىكى «ئۇيغۇر» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

كېيىنكى خەۋەرلەردە شۇندىن كېيىن تايلاند تۈرمىلىرىدە يەنە 50 دىن ئارتۇق ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان تۇتقۇننىڭ قېلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەمما بۇ تۇتقۇنلار 31- مايدىكى مۇراجىئەتنامىسىدە نۆۋەتتە تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى، مەزكۇر باياناتنىڭ شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئاۋازى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، تايلاند تۈرمىسىدە 2015- يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇلۇشتىن قېلىپ قالغان «تۈرك» تۇتقۇنلارنىڭ سانى مەسىلىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ تۇتقۇنلار رادىيومىزغا ئاچلىق ئېلان قىلىش مۇراجىئەتنامىسى ئەۋەتكەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكنى ئۆزلىرىنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

تۇتقۇن: خىتايغا قايتۇرۇلساق ئۆلۈشىمىز مۇمكىن

مەزكۇر تۇتقۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، خىتايغا قايتۇرۇلسا ھەر تۈرلۈك قېيىن قىستاققا ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشى مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىپ قالسا، بىر ئۆمۈر تۈرمىدە يېتىشىمىز مۇمكىن، ياكى ئۆلۈشىمىز مۇمكىن، ياكى خىتاي بىزلەرنى ھەر خىل قىستاققا ئېلىشى مۇمكىن ۋە بۇ سەۋەبلىك يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن قېرىنداشلارنى قىينىشى، ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا بىز خىتايغا قايتىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز تايلاندنىڭ بىزلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرىمىز. شۇ سەۋەبتىن بىز دۇنيا خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىش يۈزىسىدىن، خىتايغا قايتقۇمىز يوقلۇقىنى ئۇقتۇرۇش يۈزىسىدىن تائام تاشلىماقچى. بىز بۇ ئارقىلىق ئەركىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىمىز.»

تۇتقۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بىر جازا ئۆيىگە يۆتكەلگەن

پەيشەنبە كۈنى بىزگە بۇ قېتىمقى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر تۇتقۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىپ 3- كۈنىگە قەدەم قويغاندا تايلاند دائىرىلىرى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بىر جازا ئۆيىگە قاماپ ئەدەپلىمەكچى بولغان.

ئۇ مۇندا دېدى: «قالغان 14 بالىنى مەن تۇرغان ياتاققا، قالغان 14 بالىنى يەنە بىر ياتاققا بۆلگەن، ‹4-ياتاق› دەپ ئاتىلىدىغان جازالايدىغان ياتاققا. چۈشتىن كېيىن يەنە كېلىپ ياتاق بۆلىمىز دەپ، كىرىپ، ئارىمىزدىن يەنە بىرەيلەننى ئېلىپ چىقماقچى بولدى. ئۇ بەك ھالسىزلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ھوشىدىن كەتتى. كېيىن ئۇنىمۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققان ئوخشايدۇ دېسەك، ئۇنىمۇ ‹4-ياتاق› قا سولاپتۇ. ئۇ بالىلارنى ئەكىرگەن ياتاق داۋالايدىغان ياتاق ئەمەس، مۇشۇ IDC نىڭ ئىچىدە، جېدەللىشىپ قالغانلارنى، ساقچىلار بىلەن تاكاللاشقانلارنى پۇت ،قولىغا كىشەن سېلىپ جازالايدىغان بىر ياتاق ئۇ .»

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات مۇشاۋىرى پىسەك پانۇپا ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر سىز ئىكەنلىكىنى، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ گېزىتتىن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

پىسەك پانۇپا مۇنداق دېدى: «بىزدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات يوق. تايلاند ھۆكۈمىتى بىزگە بۇ ھەقتە بىر يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش بەرمىدى.»

ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تايلاند پايتەختى باڭكوك شەھىرىگە جايلاشقان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 13 نەپىرى 3 كۈندىن بۇيان ھەتتا سۇ ئېچىشىنىمۇ رەت قىلغان. گەرچە جازالىنىش، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، تاماق تاشلايدىغانلار سانى بارغانچە كۆپەيگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كېيىن نېمە ئىشلار بولىدۇ، بۈگۈن بىز تۇرغان ياتاقتىن يەنە 7 سى قېتىلدى تاماق تاشلايدىغانغا ، شۇنىڭ بىلەن 19، 20 بالا بولدى. بالىلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنىمۇ يېڭىدىن تاماق تاشلىغان بالىلار بىزگە خەت يېزىپ، تاماق تاشلىغان بالىلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارماق يوق، ھوشىدىن كەتسىمۇ يەنە ئۇرۇپ 4- ياتاققا ئېلىپ چىقىپ قويدۇڭ. يامان بولساڭ بىزنىمۇ ئۆلتۈرۈرۈۋېتەرسە، بىزمۇ تاماق باشلايمىز.»
بالىلارنىڭ ئىرادىسى چىڭ

بۇ تۇتقۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، نۆۋەتتە ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلار ئىنتايىن ھالسىز ۋە ماغدۇرسىز ھالەتتە بولۇپ، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىرادىسىدىن يانمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى:

«نېمە كۈننى كۆرسەك كۆرىمىز، خىتايغا كېتىپ قېلىپ، بىرەر ئازاب ئىچىدە، ياكى قىيىن-قىستاق ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇ يەردە تاماق تاشلاپ چىرايلىقچە ئۆلەرمىز، دېيىشىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ ئىرادىسى چىڭ.»

خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كانادادىكى پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى مۇدىرى رۇقىيە تۇردۇش خەلقئارا جامائەتنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كانادادىكى بىر قىسىم ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراشلىقىنى، تايلاند رۇخسەت بەرمىگەن شارائىت ئاساستا ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئېيتقان.

باڭكوك پوچتىسى گېزىتىنىڭ 2- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەقتە توختالغان تايلاندلىق گېنېرال تاۋىپ نۆۋەتتە تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش تۇرۇش ئورۇنلىرىدا كىچىك بالا، ئايال ۋە ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 55 ئۇيغۇر بارلىقىنى، بۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بېكىتىلىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە ئەگەر خىتاي بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات تەييارلاپ بېرەلمىسە، بۇلارنى 3- بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ياردىمىنى سورايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.