21-ئاۋغۇست پارىژدا باشلانغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2-كۈنى، مۇتەخەسسىسلەر تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان.
دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە تارقالغان بىر قىسىم تىبەت مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى 21-ئاۋغۇست كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جەم بولۇپ 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىنى باشلىغان ئىدى. 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن تىبەت سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۈگۈن، يەنى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى نۇقتىلىق ھالدا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېمىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارغان. بۇ يىغىنغا تىبەتلىكلەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر، موڭغۇل، خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە بەزى غەرب مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتناشقان.
3 كۈن داۋاملىشىدىغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرىپ، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى مۇھاكىمىنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
1953-يىلى ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ مەركىزى كۆكخوت شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2004-يىلى ئاۋىسترالىيەگە قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن يۇاڭ خوڭبىڭ ئىسىملىك بىر مۇتەخەسسىس بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان سۆزىدە «تىبەت خەلقىگە مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى يوق. تىبەتلىكلەر ئەگەر ئەركىن ياشاشقا موھتاج بولسا، مۇستەقىل تىبەت دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشلىرى لازىم. پەقەت مۇستەقىل تىبەت دۆلىتىلا تىبەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىن-بىر چىقىش يولىدۇر. تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر ۋە تەيۋەنلىكلەر بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۆرۈشىنى ئۆز تۇپراقلىرىدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك» دېگەن قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يىغىندا پىكىر بايان قىلغان كۆپلىگەن تىبەتلىكلەرمۇ، خىتاي زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خىتايدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئالدىنقى شەرت بولىدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتى بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان 6-7 قېتىملىق دىئالوگىدىن ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجە ھاسىل بولمىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشلىرىغا سۈكۈت ياكى دېموكراتىيە شوئارى بىلەن قارشى تۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىپ، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىشقان.
سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى ئاتسوك لۇكار جام ئەپەندى يىغىن مەيدانىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «دالاي لاما 1984-يىلىدىن بۇيان ئالىي ئاپتونومىيەدىن ئىبارەت ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا بولسا، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنماقتا. سىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بىزنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىمىز تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئاساسىي غايىمىز خىتاي مۇستەملىكىسىدە قالغان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتۇر. مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىك ئايرىم بىر مەسىلە. بىزنىڭ خەلقلىرىمىزنىڭ ئورتاق غايىسى بولغان بۇ تېمىلار ئۈستىدە جىددىي باش قاتۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. چۈنكى، ۋەزىيەت قىستىماقتا، خەلقنىڭ بېشىدىكى زۇلۇم چېكىگە يەتمەكتە. بىز ئەمدى ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇرەسسە يوللىرىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق يولىغا قەدەم باسىدىغان باسقۇچقا كەلدۇق.
ئاتسوك لۇكار جام ئەپەندى «ئۇ ھالدا، تىبەت مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسى بىلەن دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقمامدۇ؟ ئوخشىمىغان بۇ خىل قاراشلار، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-دالاي لاما بولسا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى، تىبەت خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانى. ئەمما، ئەگەر تىبەت خەلقى مۇستەقىللىقنى ئىرادە قىلسا، خەلقنىڭ بۇ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدۇ. بۈگۈن تىبەت خەلقى مۇستەقىللىقتىن باشقا بىر يولنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاي مۇستەملىكىسى ۋە زۇلۇمىدىن قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارقالغان تىبەتلىكلەر مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شوئارىنى توۋلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىدىن ئۈلگە ئېلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىنمۇ، بىز ھازىرغىچە 4 قېتىم تىبەت مۇستەقىللىقىنى تېما قىلغان قۇرۇلتايلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق. قوشۇنىمىز بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. مەنچە، تىبەت مۇستەقىللىقىنى ياقلىغۇچىلار بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلمەيدۇ.
4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىنى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان 10 دىن ئارتۇق تىبەت تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھىم سۆز تېمىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-ئاۋغۇست پارىژدا باشلانغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن. ئەتىدىكى يىغىندا، يىغىن ئەھلى بەزى مۇھىم قارارلارنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەمدە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خىتاي تۆت تەرەپنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە كېلەچەكتە ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
0:00 / 0:00