توكيودا «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۆزلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.11.17
tibet-uyghur-ziyan.jpg «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات سۆزلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 15-نويابىر.
RFA/Qutluq

15-نويابىر توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى ۋىكېنت مەتتەن «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۆزلىگەن.

دوكلات بېرىش پائالىيىتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپ ساندىكى چەتئەل ۋە ياپون مۇخبىرلىرى شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا بېلگىيەدىكى تىبەتلىكلەرنى قوللاش خەلقئارا ھەرىكىتى تەشكىلاتى ياۋروپا سىياسىي شۆبىسىنىڭ مۇدىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى ۋىكېنت مېتتېن ئەپەندى مەزكۇر كۇلۇبنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ياپونىيەدىكى چەتئەل ۋە ياپون مۇخبىرلىرىغا 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي يولغا قويغان خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

مېتتېن ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىغا توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، مېتتېن دوكلاتىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بىلەن خەلقئارادا دېيىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خىتايدىكى بۇ قانۇننىڭ ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى بارلىق سۆز- ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق توختالغان.

دوكلاتىدىن كېيىن بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلار مېتتېندىن خىتاينىڭ بۇ قانۇنى توغرىسىدا بەزىبىر سوئاللارنى سورىغان. شۇنداقلا دوكلاتتىن كېيىن تۇرمۇھەممەت ھاشىممۇ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى مېتتېندىن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دائىر سوئال سورىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ماددىلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت تۈرلۈك ئەندىشىلىك ئىنكاسلارنى چىقارغان ئىدى.

2015-يىلى 22-دېكابىردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گابرېللا پرايسې خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىغا قارىتا: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكى، جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش، تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قارىتا چەكلىمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.