تىبەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

0:00 / 0:00


چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن 3 ئايدىن بۇيان، ئۇنىڭ تىبەتتە قوللانغان باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ سىناق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئالدىنقى كۈنى خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ «تىبەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساقچىخانا خادىملىرى نۆۋەتتە يېزىلاردىكى ھەر تۆت كەنتنى بىرلەشتۈرۈپ بىر سىياسىي ئىدارە قىلىش باشقارمىسى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر ياردەمچى ساقچىسى ئادەتتە رەسمىي ساقچى بىلەن ياردەمچى ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن 8-10 نەپەر ساقچىنىڭ 24 سائەت كەنتتە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاھالىسى كۆپ بەزى چوڭ كەنتلەردە جىددىي ئەھۋاللاردا 40 تىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچىنىڭ تەرتىپ ساقلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يەرلىك ساقچىخانىلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلار چېن چۈەنگونىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا تىبەتتە قوللانغان ساقچىنى كۆپەيتىش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى تورلاشتۇرۇش ۋە يەرلىك ئاھالىلارنى كىچىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ «قوش قاتلاملىق» نازارەت سىستېمىسى ھاسىل قىلىشتەك بىر قاتار ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرىنى جىددىي تۈردە سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر نەپەر ئامانلىق خادىمىمۇ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، كەنت ساقچىلىرى بىلەن ئامانلىق خادىملىرى ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىمدىن يېرىم كېچىدە ئاھالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرىدىكەن.ئەگەردە سىرتتىن مېھمان كەلسە ساھىبخان چوقۇم كەنت ئامانلىق نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە كەلگەن مېھماننىڭ پۈتۇن ئۇچۇرىنى تەمىنلىشى لازىم ئىكەن.

چېن چۈەنگونىڭ تىبەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە قوللانغان «قوشماق تۇغقان بولۇش»، «ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش» ۋە «ساقچىلار بىلەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش» سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ھەسەن يەنە چېن چۈەنگو تىبەتنى ئىدارە قىلغان 5 يىل جەريانىدا100دىن ئارتۇق تىبەتنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلىۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، تىبەتتە ئالىقاچان مەغلۇب بولغان بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.