مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئېلى ئەمرى مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا، 5-نۆۋەتلىك «تۈركىستان قان يىغلايدۇ» مۇنبىرى يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئادەم چېۋىك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.
يىغىندا خەلقئارا مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن، ئىمكان دەر جەمئىيىتى رەئىسى مۇرات ئۆزەر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، «ھەقسۆز ژۇرنىلى» نىڭ مۇھەررىرى ھەمزە تۈركمەن. دىنىي ئالىم ئابدۇلمەتىن بالقان ئوغلى، بەسىرەت ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى تەپسىرشۇناس ھارۇن ئۇنال، ژۇرنالىست ئەخمەت ۋۇرال قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.
يىغىندا ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋە بالقان رايونلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئىقامەت ئالالمىغان، ماددىي ئىمكانسىزلىق سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالغان، ھەتتا بەزىلىرى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن مۇساپىر - مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىستان مۇساپىر ۋە مۇھاجىرلىرىغا ئىگە چىقىش ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چاقىرىق قىلىندى.
يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئادەم چېۋىك ئەپەندى بۇ يىغىندا تۈركىستان مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئانا يۇرت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى مۇھاجىر ياكى مۇساپىر دېيىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، تارىختا تۈركىستانلىقلار تۈركىيەگە كېلىپ بۇ يەردە دۆلەت قۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەر تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار تۈركىيەنى ئۆز ۋەتىنى دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىستانلىقلارنى مۇساپىر ۋە ياكى مۇھاجىر دېيىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيەدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادەم چېۋىك ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا خەلقئارا مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە پاناھلانغۇچى مۇساپىرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جىنايەت. مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئاچ - يالىڭاچ قويۇش جىنايەت، ئىسكەنجە قىلىش ۋە ئىسكەنجە قىلغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر. بۇ يەردىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىمىزكى، تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن دەرھال قەدەم بېسىشقا چاقىرىق قىلىمىز.»
