تۈركىيە ئەسكىشەھەردە قاراباغ مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئاڭلىتىلدى
19-فېۋرال كۈنى كەچ سائەت 7 دە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئەسكىشەھىر شەھىرىدە «خوجالى قىرغىنچىلىقى ۋە قاراباغ مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
-
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-02-23 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
19-فېۋرال كۈنى كەچ سائەت 7 دە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئەسكىشەھىر شەھىرىدە «خوجالى قىرغىنچىلىقى ۋە قاراباغ مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەسكىشەھىر ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى، ئەسكىشەھىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا، يىغىنغا كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلى تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى. تەپەباشى كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋا خانىم ئالاھىدە تەكلىپكە بىنائەن ئەزەربەيجاندىن كېلىپ دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ نۇتقىدا 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ دېگەن جايىغا بېسىپ كىرىپ، قېرى ياش، ئايال ۋە بالا دېمەستىن كۆپ ساندا پۇقرانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، ئۇ زېمىننىڭ تېخىغىچە ئەرمەنىيەلەرنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. پۈتۈن تۈركىي خەلق ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋا خانىم تۈركىي خەلقلەر بىرلىك ۋە ئىتتىپاق بولسىلا ئارزۇ قىلغان كېلېچەككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇندىن كېيىن مەن، سەن، ئۇ دېمەيمىز، بىز دەيمىز. ئەگەر بىز دېيىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولساق، بىز دەپ يولغا چىقساق، بىز دەپ تۇرۇپ كۈرەش قىلساق، بىز ئارزۇ قىلغان كېلەچەك بار. ئەگەر بۇنداق بولمىسا، خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 27-يىلىدىمۇ، 30-يىللىدىمۇ بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئىتتىپاق بولساق، بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ئادالەت ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ ھېساب سورىيالايمىز.»
ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋا خانىم دوكلاتىدا دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ، تۈرك دۇنياسىدىكى قىرىم، ئۇيغۇرلار دىيارى، قاراباغ ۋە ئىراق، سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىرلىك ۋە ئىتتىپاق بولالمىساق، تۈركمەن تېغىدا، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئىراقنىڭ كەركۈك ۋە تەلاپەر ۋىلايەتلىرىدە تۈركمەنمۇ قالمايدۇ. قىرىمدىكى دەردىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇنى ياشلىرىمىز بىلىشى كېرەك. دۇنيادا شۇنداق بىر قائىدە بار، كۈچلۈك بولساڭ ئۆزۈڭنى قوغدىيالايسەن، كۈچلۈك بولمىساڭ ئۆزۈڭنى قوغدىيالمايسەن. شۇڭا پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كۈچلۈك بولۇپ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالايدۇ. تۈرك دۇنياسى قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەسىلىسىگە، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ مەسىلىسىگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشى كېرەك. مېنىڭ مەسىلەم، سېنىڭ مەسىلەڭ دېمەستىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرىگە ئىگە چىقىشىمىز كېرەك.»
دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئالدى بىلەن دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، 5 ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن ئەسكىشەھىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى قاراباغ ئىشغالىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىنىڭمۇ نۇقتىلىق ھالدا ئاڭلىتىلغانلىقىنى، مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ ئۇيغۇر كېيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئوغلىمەن» دېگەن شېئىرنى ئوقۇپ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەزەربەيجانلىق پارلامېنت ئەزاسى پاشايېۋا خانىمنىڭ دوكلاتىدا تۈركىي خەلقلەرنى بولۇپمۇ ياشلارنى بىرلىككە چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
8 ياشتىكى مۈجاھىت قەشقەرلى 3 ياش ۋاقتىدا شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم يازغان «بىز كىملەر؟» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان ئىدى. ئۇ، 5 يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشلاردا ۋە تېلېۋىزىيەلەردە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا. ئۇ، ھازىر 15 ئەتراپىدا ئۇزۇن داستان ۋە شېئىرنى يادقا بىلىدۇ.