«تۈركىيەگە كۆچۈش» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2016.05.04
«تۈركىيەگە كۆچۈش» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى ماي، تۈركىيە.
«تۈركىيەگە كۆچۈش» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئورخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئاناتولىيە زېمىنىنىڭ تىجارەت، مەدەنىي، ئىلمىي، دىنىي ۋە سىياسىي ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغاچقا، 11-ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگە بولغان كۆچۈشلەر نەتىجىسىدە ئاناتولىيەنىڭ تۈرك يۇرتىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان. تۈركىيەگە بولغان بۇ كۆچۈشلەرنىڭ تۈركىيەگە مەدەنىي، ئىقتىسادىي، تىجارەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن زور تۆھپىلەر قوشقانلىقىنى بايان قىلغان. يىغىندا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سەباھاتتىن ئۆزتۈرك ئەپەندى قەدىمدىن تارتىپ ئاناتولىيەنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرگە دەرۋازىسىنى ئاچقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ئىنستىتۇتى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىغا 40 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار 4-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى سۈرىيە، ئىراق، ئىران، ئافغانىستان، پاكىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئوقۇغۇچىسى رەجەپ قانالغا ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەجەپ قانالغا ئەپەندى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈش توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ئۈچ قېتىم ئوپچە ھالدا كۆچۈش بولغان. بىرىنچى قېتىملىقى 1950-يىللاردىكى كۆچۈش. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىم كىرگەندىن كېيىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەمەتئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن 1850 كۆچمەن تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق كۆچۈش بولسا 1961-يىلى ئافغانىستانغا كېلىپ 1965-يىلى قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ئىدى. ئۈچىنچى قېتىملىقى بولسا 2014-يىلىنىڭ بېشىدىن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىدى. مەن دوكلاتىمدا بۇلارنىڭ كۆچۈش سەۋەبلىرى ۋە كۆچۈش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن دۇچار بولغان قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتتىم. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە بەزى خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردىم.»
«تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ يىغىندا بۇ ھەقتە كونكرېت قارار ماقۇللاندىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا رەجەپ قانالغا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ يىغىن، كۆچمەن ئۇقۇمى ۋە تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئىگىلەپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە پىلان تۈزۈشى ۋە بۇندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىدىغان كۆچمەنلەرگە قارىتا قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئېچىلغان ئىدى. مەن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. يىغىندا دېيىلگەنلەرگە قارىغاندا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.»
ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-2015-يىللىرى تۈركىيەگە 7 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇساپىر كەلگەن. رەجەپ قانالغا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇلارنىڭ تۇرۇش رۇخسىتى، ئىشلەش رۇخسىتىگە ئوخشاش رەسمىيەتلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ رەسمىيەتلىرىدە بىر ئىلگىرىلەش بارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مۇساپىرلار ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ تۈركىيەدە قانۇنى تۇرۇش رۇخسىتى، پۇقرالىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەت ۋە رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى تېخىچە ھەل بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي تۇرۇش رۇخسىتى ياكى پۇقرالىق مەسىلىسى ھەل بولۇپ كەتسىلا پۈتۈن قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 2011-يىلى تۈركىيەنىڭ قوشنىسى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش چىققاندىن بۈگۈنگىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىنلىشىپ قالغان، ئىراق، ئىران، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنى قوشقاندا تۈركىيەدە 5 مىليون ئەتراپىدا مۇساپىر بار ئىكەن.









