ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنىۋاتقان «كۆكلۈ دېگىشىم ژۇرنىلى» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبۇل ساراچخانا باغچىسىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
بۇ نامايىشقا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
نامايىشتا «يېڭى ئاقىت گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى ئەخمەت ۋارول ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، ئىستانبۇل چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ساتىروغلۇ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ئۆزبېكلەر بىرلىكى باش كاتىپى ئالىبەي يولياخشى ئەپەندى ۋە تىمەتۈرك تور گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ئابدۇرەھىم شەن ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.
ئۇلار باياناتىدا نۇقتىلىق ھالدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختالغان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.