تۈركىيەدە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىن، مۇراسىم، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.
12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ بەشىكىتاش مەيداندا، خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 300 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش ۋە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى، نامايىشتا تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى، ئۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى.
مەتبۇئات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتى ئىستانبۇل ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى، زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي شۆبىلىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىشقا كۆپلەپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى.
ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن ئەر-ئايال بولۇپ 500-600-ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ نامايىشتا نامايىشچىلار تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بەزى نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا، «تۈركىيە ئۇخلىما، تۈركىستانغا ئىگە چىق!»، «شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەنىڭ ئىززەت-ئابرويىدۇر». «قىرغىنچىلىقنىڭ نامى شەرقىي تۈركىستان!»، «ئۇيغۇر تۈركلىرى يالغۇز ئەمەس!» دېگەنگە ئوخشاش چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرۈپ بەشىكتاشتىكى باش مىنىستىرلىق خىزمەت بىناسىغا قاراپ يۈردى. ساقچىلار رۇخسەت قىلمىغاندىن كېيىن بەشىكىتاش مەيدانىدا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالپەرەن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى كۇرشات مىجان ئەپەندى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەييارلىغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
كۇرشات مىجان ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «تايلاندتا پاناھلانغان ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق.
ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر، تايلاندتىكى مۇساپىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكىچە تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنى قاتىل خىتاي دۆلىتىگە قايتۇرۇش قارارى ئالدى. ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر! ئۈممەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ يىتىملىرى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تايلاندتا ئۇلار ھەققىدە ھەقسىزلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدىغان ئۆلۈم پەرمانىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنى يەنى ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىلىرىنى قىزىل خىتاي ۋە تايلاندنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويۇش، مەزلۇملارنىڭ ئۈمىدلىرىنى چوڭقۇر يارىلىماقتا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ۋىجدانىنى قاتتىق ئازابلىماقتا.»
كۇرشات مىجان ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تۈركىيە باش مىنىستىرىنى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر! بۇ مىللەت ئىككىنچى قېتىم بورئالتان پاجىئەسىنى ياشاشنى خالىمايمىز. تارىختا تۇنجى بولۇپ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان ئەجدادىمىز فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخاننى ئۇنۇتماسلىقىڭىزنى، يېقىن تارىخىمىزدىكى قىسمەن بولسىمۇ قىبرىس ۋەقەسىدىكى تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ تىك تۇرۇشىنى ۋە بۇلغارىستاندىكى قېرىنداشلارغا قارىتا كۆرسەتكەن ئىرادىنى ئۇنۇتماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ، قان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۈركىيەگە قوبۇل قىلىشىنى، ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە بۇ توغرىدا تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز. 300 دىن ئارتۇق قېرىنداشلارنى خىتاي زۇلۇمىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىش مەزلۇم ئۈچۈن ئۈمىد، قېرىنداشلىرىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈنمۇ ئىشەنچ بولىدۇ.»
كۇرشات مىجان ئەپەندى تايلاند ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «تايلاند ھۆكۈمىتى ئىمزا قىلغان خەلقئارا كېلىشىمنامىلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقىنى، ئۇلاردىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا تايلاندنىڭ ئۆز ئىنسانلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا جۇغراپىيىدىكى دۆلەت ئېتىبارىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىنىڭ ئۇلارنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە بىر قارا داغ بولۇپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.»
بايانات ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى كۇرشات مىجان ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق 3 كىشى، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە باش مىنىستىرىغا يېزىلغان بىر مەكتۇپنى ئىستانبۇلدىكى باش مىنىستىرلىق خىزمەت ئىشخانىدىكى مەسئۇللارغا تاپشۇردى. خىتايغا قارشى شوئار توۋلىغان نامايىشچىلار خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈردى.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرى ئېلىش ئۈچۈن، نامايىشقا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر زىيالىي مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.