3 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۈركىيەدىكى 48 شەھەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاڭلاتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.01.31
turkiyede-3-yash.jpg 60 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىكى 48 شەھەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان 3 نەپەر ئۇيغۇر (سولدىن ئوڭغا) زۇلپىقار ئېلى، ئەرشىدىن ئەركىن ۋە ئالىمجان ئەپەندىلەر. 2019-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىقى ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىن پىيادە يولغا چىققان ئۇيغۇر ياش ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن زۇلپىقار ئېلى 10-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، زوڭگۇلداق ۋىلايىتىدە تۇرۇۋاتقان ئالىمجاننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۈچ كىشى بولغان.

مەزكۇر 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش 30-يانۋارغىچە بولغان 60 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىكى 48 شەھەر ۋە ناھىيەنى ئايلىنىپ چىققان. ئۇلار بۇ جەرياندا تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن نامايىش قىلىش، دوكلات بېرىش ۋە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار تۈركىيەنىڭ ئەڭ چەت رايونى بولغان ۋان ۋىلايىتىگىچە بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، تۈرك ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئەرشىدىن ئەركىن ئەپەندى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي 48 شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، يەرلىك تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا يەر ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئەرشىدىن ئەركىن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھەر ساھەدىكى تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن بىللە 48 شەھەرنى ئايلانغان ئۇيغۇر ياش زۇلپىقار ئېلى 2 ئايلىق پائالىيەتنىڭ تۈرك خەلقىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ سەپەر ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن زۇلپىقار ئېلى ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ، 11 كۈندىن كېيىن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن. تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق شەھىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 3 بالىنىڭ دادىسى ئالىمجان ئەپەندى ئەنقەرەدىن تارتىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، تۈركىيەنىڭ سامسۇن، گىرەسۇن، ئادىيامان، مەرسىن، گازىئانتەپ ۋە ۋان قاتارلىق كۆپ ساندىكى شەھەرلەرنى بىللە ئايلانغان. ئالىمجان ئەپەندى بۇلارغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئالىمجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ 40 تەك ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئەرشىدىن ئەركىننىڭ تۇغقانلىرى بىلەن زۇلپىقار ئېلىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۈرك جامائىتىگە ئاڭلاتقانلىقىنى، بۇلارنى ئاڭلىغان تۈرك جامائىتىنىڭ بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئالىمان ئەپەندى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىدىن ئىران بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋان شەھىرىگىمۇ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇلارنىڭ 48 شەھەر ۋە ناھىيەدە ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنىڭ يوليورىقى بىلەن مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە تۇرۇشلۇق ياشلار ئۇيۇشمىسى بولغان «ئالپئەرەن ئوجاقلىرى» ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن.

ئەرشىدىن ئەركىن 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 2015-يىلى ئاكىسى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. زۇلپىقار ئېلى بولسا 1989-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2000-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ئەسكىشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت ۋە مېھمانخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ھازىر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئالىمجان بۇندىن 5 يىل بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق ۋىيالىتىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.