يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا ھەتتا ئىنسانىيەت قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى نۆۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن ۋە مەلۇم داڭلىق ھەربىي دوختۇرخانىدا پراكتىكا قىلغان ياش ئۇيغۇر دوختۇر ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىنى ۋە بۇ خىل ئوپېراتسىيىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدەپ چىققان ياش ئۇيغۇر دوختۇر ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ خىتاي دوختۇرلىرى تەرىپىدىن قوپال مۇئامىلىگە، كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ھەتتا پراكتىكا ئوبىكتى قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر دوختۇرلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا 2 - دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان ئىدى.
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، بۇ دوختۇر يەنە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ھەققىدە ئالىغانلىرى ۋە كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 1984 - يىلى خىتايدا «ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە جەسىتىدىن پايدىلىنىش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلغان. بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان خىتاي مېدىتسىنا ساھەسىدە ئورگان ئىشلىتىشتە قانۇنلۇق كەڭ مەنبەگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەرياندا خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىپ پۇلدار بىمارلارغا كۆچۈرۈش قانۇنسىز قىلمىشى ۋە ئورگان سودىسى ئەۋج ئالغان.
خەلقئارا خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 30 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ئوبىكتى قىلىنغان. بولۇپمۇ شەرقىي شىمالدىكى خېيلۇڭجياڭ، لياۋنىڭ، جىلىن قاتارلىق ئۆلكىلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى سودىسى ئەڭ ئەۋج ئالغان جايغا ئايلانغان. ھازىرغىچە ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە تېخى ئېنىق ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتىن گۇتماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەھبۇسلار ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش سودىسى 1990 - يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلىغان. ئېتىن گوتمان 2014 - يىل 12 - ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ «قىرغىنچىلىق» ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە دوكلات بېرىپ، 1997 - يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا «5 - فېۋرال ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋېلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكىنى نەقىل ئالغان. ئېتىن گوتمان شۇ كۈنكى دوكلاتىدا يەنە، چەتئەللەردىكى فالۈنگۇڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىپ 2000 - يىلدىن 2008 - يىلغىچە تەخمىنەن 65 مىڭ نەپەر فالۈنگۇڭ مۇرىتى باستۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەپ، ئىئانە تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2012 - يىل 22 - مارت كۈنى يەنە «جۇڭگو 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بىنورمال ئۇسۇلنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدۇ» دەپ جاكارلىغان. 2014 - يىل 17 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتايدا ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى نازارەت قىلىش سېستىمىسى قۇرۇلۇپ، قانۇنسىز ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى، ئېلىپ - سېتىشنى، ئىچكى قىسىمدا تەقسىم قىلىشنى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش قىلمىشىنى توختاتماسلىقى ۋە ئادەم ئورگانلىرى سودىسىدا خەلقارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشى خەلقارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
بۇ يىل 29 - ئۆكتەبىر خىتايدا ئېچىلغان «جۇڭگو ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى» دۇنيا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى، ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇلار باياناتتا خىتايدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان مەھبۇسلار ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ كۆچۈرۈش ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ نورمال يولىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچىدە خرىستىئانلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار بارلىقىنى ۋە بۇ ئۇسۇل 15 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00