ياپونىيەدىكى خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا دوكلات ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-10-12
Share
rotariy-kulubi-uyghur-ilham-toxti.jpg ئىباراكى خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئاراي ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرى توغرىلىق توختالدى. 2016-يىلى 12-ئۆكتەبىر.
RFA/Qutluq

12-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى شىموداتې شەھىرىدىكى خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات ئاڭلىتىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدىكى خەلقئارا ئوقۇش ياردەم پۇلى فوندىلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى شىموداتې شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ بۇ ھەقتە دوكلات سۆزلىگەن.

دوكلات بېرىش پائالىيىتى خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىنىڭ مېھمانخانىسىدا چۈش سائەت ۋاقتى ئون ئىككىدىن بىر يېرىمغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان.

دوكلاتقا ھەر ساھە مۆتىۋەرلىرىدىن كۆپلىگەن ئەزالار قاتناشقان.

دوكلاتتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۈگۈنكى دوكلاتى ھەققىدە توختالدى.

دوكلات تەشكىللىگۈچى ۋە شۇنداقلا ئىباراكى خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئاراي ئەپەندى بۈگۈنكى دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «دوكلاتتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى شۇنداقلا ھازىرغىچە بىزگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايان بولمىغان ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تولۇق ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتۇق» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتىدا 11-ئۆكتەبىر باش ئورگىنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بولغان مارتىن ئەننالىس فوندىنىڭ دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى شەخسلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان 2016-يىللىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكلات قاتناشقۇچىلىرىدىن شىمودا ئەپەندى سۆز قىلىپ: «خىتاي دۆلىتى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنگەن ۋە شۇنداقلا تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ قارالسىمۇ، بىراق خىتاي دۆلىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يەنىلا ئارقىدا. چۈنكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم كارخانىچىلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان سۇزۇكى ئەپەندى ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بىز خەلقئارالىق روتارىي كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىمىز» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خەلقئارا روتارىي كۇلۇبلىرىغا ئوخشاش ياپون مۆتىۋەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيۇشمىلار ۋە فوندىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش تولىمۇ زۆرۈرىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت