د ئۇ ق ياقۇپ ئىدرىسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق كېپەكيۈزى يېزىسى تۆۋەنكى كېپەكيۈز كەنتىنىڭ ئاھالىسى ياقۇپ ئىدرىس، 50 نەچچە يىللىق ھاياتىدا 2 قېتىم سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، جەمئىي 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ نۆۋەت ئۇ، ئۈرۈمچى 4-تۈرمىدە 2-قېتىملىق قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقاندا ۋاپات بولدى.

ياقۇپ ئىدرېس 1-قېتىم 1997-يىلى غۇلجا «5-فېۋرال ۋەقەسى»دىن كېيىن سىياسىي سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ، 2-قېتىم 2009-يىلى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. بەزى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ قېتىم «پەقەت ناماز ئوقۇپ، ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن سىياسىي جىنايەتچى قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمە ئىچىدە سوتلىنىپ، 10 يىللىق كېسىلگەن. ئۇ 2-قېتىم قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق «تەقىب قىلىشى، پات-پات قىسقا مۇددەتلىك تۈرمىگە سولاپ سوراق قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرغان.»

مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى 3 كۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ نەزىر-چىرىقىنى بەرگەن. نەزىر-چىراغقا قاتناشقان كېپەكيۈزىلىك بىر دېھقان ئايال، مەرھۇمنىڭ تۈرمىگە كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن تامچىلىق بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ، ھېچقانداق سالامەتلىك مەسىلىسى باردەك قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېھقان ئايال: ھە، شۇ تۈگەپ كەتتىغۇ، بۈگۈن 3-4 كۈن بولدى، ئالدىنقى كۈنى نەزىرىنى بەردىغۇ. بۈگۈن 2-3 كۈن بولدى.
مۇخبىر: نېمىشقا مېيىتنى كېپەكيۈزىگە ئەكەلمىدى؟
دېھقان ئايال: ۋاي تاڭ، مەن ئۇقمۇدۇمغۇ.
مۇخبىر: قانچە يىللىق كېسىلگەن ئىدى، ياقۇپ؟
دېھقان ئايال 10: يىلمىتىكى.
مۇخبىر: نېمە سەۋەبتىن تۈگەپ كېتىپتۇ؟ سەۋەبىنى بىلدىڭىزمۇ؟
دېھقان ئايال: ياق.
مۇخبىر: مەسىلەن، تۈرمىدە تاياق يەپ ياكى كېسىل بولۇپ ۋە ياكى باشقا بىر ھادىسە بىلەنمۇ يا ؟
دېھقان ئايال: ۋاي تاڭ، ئەمدى بىز بىلمىدۇق ئۇلارنى. ياكى بىز ياقۇپنىڭ تۇغقانلىرى بولمىساق؟
مۇخبىر: سىز نەزىرگە قاتناشتىڭىزمۇ؟
دېھقان ئايال: نەزىرگە كىرىپ چىقتۇق، قوشنا بولغاندىن كېيىن.
مۇخبىر: بالىلىرى بارمىدى ياقۇپنىڭ؟
دېھقان ئايال: بالىلىرى بارتىغۇ.
مۇخبىر: قانچە بالىسى بارىدى؟
دېھقان ئايال: ياقۇپنىڭ 4 بالىسى بارتىغۇ.
مۇخبىر: ئايالىچۇ، بىر ئىش قىلامتى ئۇلار، دېھقانمىتى ياكى باشقا بىر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنامتى؟
دېھقان ئايال: دېھقان ھەممىسى، ئايالىمۇ تۈگەپ كەتكەن، يوق.
مۇخبىر: ئايالى قاچان تۈگەپ كەتكەنتى؟
دېھقان ئايال: ئايالى بۇلتۇر تۈگەپ كەتكەن.
مۇخبىر: ياقۇپ قانچە ياشلاردا بارىدى؟ 40 ياشلاردا بارمىدى؟
دېھقان ئايال: ياقۇپ 50 نىڭ تۆپىدىدۇ، 50 تىن ئېشىپ قالغان بالىلارغۇ ئۇ؟
مۇخبىر: بالىلىرىنىڭ ياش قۇرامى قانچىلەردە؟ ئۆزىنىڭ دەردىدىن ئۆزلىرى چىقالايدىغان ئەھۋالدىمۇ ياكى بىرئاز كىچىكمۇ، بىرەرى قارىمىسا بولمايدىغان؟
دېھقان ئايال: بالىلىرى خېلى چوڭ، بالىلىرىنىڭ تويىنى قىلدى. ھەممىسى ئۆيلەگلىك، تالاغا چىقىرىغلىق.
مۇخبىر 4: بالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ؟
دېھقان ئايال: ھە، 3 بالىسىنىڭ.
مۇخبىر: ئۇ ياقۇپكام ئۆز ۋاقتىدا بىر قېتىم 7 يىل يېتىپ چىققانغۇ، دەيمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر چىقىپ، ئاندىن 10 يىل كېسىلىپ كەتتىغۇ؟ ئۇ نېمە سەۋەبتىن كېسىلگەن، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
دېھقان ئايال: يوق، بىز ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېسىلگەنلىكىنى، باشتا نېمە سەۋەبتىن كېسىلگەن بولسا، كېيىنمۇ شۇنداق سەۋەبتۇ.
مۇخبىر: باشتا كېسىلگەندە سىياسىي سەۋەبتىن كېسىلگەنغۇ-ھە؟
دېھقان ئايال: ئاشۇنداق بولسا كېرەك، بۇداقىسىدىمۇ شۇنداقتۇ، شۇ.
مۇخبىر: نەزىرگە قاتنىشىپسىز؟ خېلى جىق ئادەم قاتناشتىمۇ نەزىرگە؟
دېھقان ئايال: كەلدى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بىزمۇ ئىشىمىز بولغاندىن كېيىن كىرىپ قويۇپلا يېنىپ چىقتۇق. ئۇ يەردە كەچكىچە ئولتۇرمىغاندىن كېيىن.
مۇخبىر: ھۆكۈمەت نەزىر قىلىشقا يول قويدىما؟
دېھقان ئايال: ھۆكۈمەت نەزەر قىلما، دېمىدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ نەزىر بىلەن ھېچقانداق نېمىسى يوققۇ؟ نەزىر قىلىۋەردى.
مۇخبىر: ياق، مەسىلەن، ياقۇپ ئىدرىسنىڭ ئۆزى سىياسىي سەۋەبتىن كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەتتا غۇلجىغا دەپن قىلىشىغىمۇ يول قويماپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا. ئەمدى، سىلەرنىڭ يېزىدىن ئۇنىڭغا نەزىر قىلىشقىمۇ يول قويمىدىمۇ، دەپ سوراۋاتىمەن؟
دېھقان ئايال: ھېچكىم ھېچنېمە دېمىدىغۇ، ئەلۋەتتە.
مۇخبىر: دادىسى بارمىدى ياقۇپ ئىدرىسنىڭ ؟
دىھقنا ئايال: دادىسى يوق، ئاپىسى بار. دادىسى خېلى بۇرۇن، كىچىك ۋاقلىرىدا تۈگەپ كېتىپتىكەنغۇ.
مۇخبىر: ئۇ 1-قېتىم 1997-يىلى كىرىپ كېتىپ، 2004-2005-يىلى چىققانغۇ، دەيمەن-ھە، 7 يىلدەك يېتىپ چىققان؟
دېھقان ئايال: قانچىنچى يىلى چىقىۋېدىكىنتاڭ، مېنىڭ ئىسىمدىمۇ قالماپتۇ، ئىشقىلىپ.
مۇخبىر: ئەمما بىر قېتىم كىرگەنلىكىنى بىلىسىز؟
دېھقان ئايال: بىر قېتىم كىردى.
مۇخبىر: بىرىنچى قېتىم كىرىپ چىققاندىن كېيىن كۆرگەنمىدىڭىز، ئۇ ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن؟
دېھقان ئايال: كۆرمەمدۇ، بۇ مەھەللىدە ئىش قىلىپ يۈرۈۋاتقان تۇرسا ئۇ.
مۇخبىر: بىرىنچى قېتىم سالامەتلىك ئەھۋالى قانداقراق چىققان.
دېھقان ئايال: ياخشىىدى؟ ھېچقانداق ئەمەس، تامچى تۇرسا، ئۆي ياساپ يۈرگەن. شۇنداق ئوبدان چىقىپتىكەن، ھېچقانداق ئەمەس چىقىپتىكەن، ئۆي ياسىدى يەنە، خەقلەرنىڭ ئۆيىنى ياساپ ئىشلەپ يۈردى.
مۇخبىر: ئىككىنچى قېتىم قاچان كىرىپ كەتتى؟
دېھقان ئايال: ئىككىنچى قېتىم كىرىپ كەتكەنگە 3 يىل بولۇپ قالاتتى، مۇشۇ 2-ئاي كەلسە.
مۇخبىر: بۇرۇن بالا-چاقىلىرى پات-پات بېرىپ، كۆرۈشۈپ تۇراتتىمۇ ئۈرۈمچىگە؟
دېھقان ئايال: ھە، كۆرۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدىلا كۆرۈشۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مىجەزى يوقتىكەن، ئاغرىپتىكەن.

د ئۇ ق نىڭ قارىشىچە، ياقۇپ ئىدرىسنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ھاياتى قوغدالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھاياتى ۋە ھوقۇقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم بۇنىڭ سورىقىنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.