ب د ت دا چاقىرىلغان خىتاي ھەققىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

10-مارت ب د ت دا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خىتايلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 10-مارت جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 31-نۆۋەتلىكى يىغىنى 28-فېۋرال باشلانغان بولۇپ، 24-مارتقا قەدەر داۋام قىلىدىكەن. بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلۈمىگە قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشقان. ئۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىكى مەقسەت ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ب د ت دا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خىتايلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش ھەمدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتقان. ئۇ سۆزىدە، بۇ يىغىنغا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەمدە بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىز بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك زاتلاردىن تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىشقا تېرىشقان بولساقمۇ، ئىمكان بولمىدى.

دۈشەنبە كۈنى جەنۋەدە يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت مەخسۇس يىغىنى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغىمۇ د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن.